ب

باغلام-باغلام

ئايرىم-ئايرىم باغلانغان، بىر باغلام-بىر باغلامدىن قىلىنغان: تام بويلاپ قويۇلغان يېڭى جاھازىلاردا تۇرغان باغلام-باغلام باغاقلاردىن باشقا گۈللۈك چىنە قاچا، چوڭ-كىچىك تاۋاقلار دەستىلەكلىك تۇراتتى.

بالداق

ئىسىم ①سۇ ياكى يۈك قاتارلىقلارنى دولىدا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياپىلاق ياغاچ؛ ئەپكەش: بىر بالداق سۇ. ②شوتا، كارىۋات، ئورۇندۇق ۋە شۇ تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا بېكىتىلگەن ياغاچ؛ چېتىق. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باسقۇچ، پەللە، دەرىجە: جەڭچىلەرنىڭ ھەربىي سۈپىتى ئىلگىرىكىدىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ④نەرسىلەر يۈزىگە توغرىسىغا چۈشۈرۈلگەن يول ياكى رەڭلىك بەلگە: ئالا بالداق مايكا.

بالېت

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <ئۇس> ئىتالىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر خىل ئۇسسۇللۇق دراما. ئۇنىڭدا ۋەقەلىك تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا ئاساسىدىكى بەدەن ۋە يۈز ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئايال ئۇسسۇلچىلار كۆپىنچە بۇ ئۇسسۇلنى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يۈرۈپ ئوينايدۇ.