ب

بەھرىلەنمەك

پېئىل ①بەھرىمەن بولماق: قۇياش نۇرىدىن بەھرىلەنمەك. ②لەززەت ئالماق؛ مەززە، ھۇزۇر قىلماق: ئۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى بېغىنى ئارىلاپ، ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرىلىنىپ سەيلە قىپتۇ.

باداڭ

①ئىسىم. چىۋىق، چىغ، قومۇش قاتارلىق نەرسىلەردىن توقۇلۇپ، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن ياكى دەرەخ تېنىدىن كۈپ شەكلىدە ئويۇپ ياسالغان ئاشلىق ساقلايدىغان چوڭ قاچا: ئىشنى كارداڭدىن سوراڭ، ئۇننى باداڭدىن (ماقال). ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. چوڭ، يوغان: باداڭ قورساق. باداڭ تاغار.

بازار

ئىسىم [پارسچە] ①ئاھالە سودا-سېتىق قىلىدىغان مەخسۇس جاي: مال بازىرى. ئاشلىق بازىرى. ②ئاھالە سودا-سېتىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس كۈن: شەنبە بازار، يەكشەنبە بازار. بازار كۈنى. ③دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا تاۋار ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇن: ئىچكى بازار. تاشقى بازار. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر جايدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ، سۈرەن-چۇقان، تەرتىپسىز ھالەت: بالىلىق ئۆي-بازار، بالىسىز ئۆي-مازار (ماقال). ⑤ناھىيە مەركىزىدىكى ناھىيىدىن تۆۋەن مەمۇرىي بۆلۈنمە.