ب

بەتقىلىقلىق

ئىسىم ①قىلىقسىزلىق: بەتقىلىقلىق قىلماق. ②غەيرىي ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت: ئىككى لۈكچەك ئايشەملەرنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان ھەم قىزغا بەتقىلىقلىق قىلىشقا ئۇرۇنغاندا جازاسىنى تاپتى.

بەرق ئۇرماق

①چاقنىماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق: تاۋلىنىپ رەڭدار گىلەمدەك بەرق ئۇرار ئوتلاق-ئېتىز، قاينىغان يايلاق ھاياتى مىسلى ئۆركەشلىك دېڭىز. ②نامايان بولماق، سېزىلىپ تۇرماق، كۆرۈنمەك: چىرايىدىن ھېسابسىز شادلىق تەبەسسۇمى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ياش ئاتا قابىلبېك چىقىپ كەلدى. ③ئۇلغايماق: قىزىدى ئۇسسۇل، ساما، دىللاردا شادلىق بەرق ئۇرۇپ، بولدى مەنبەسى ئۈزۈلمەس دەريا، فونتان قەشقىرىم.