ب

بازارلىق

①سۈپەت. سېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان: بازارلىق مال. ②ئىسىم. سودا-سېتىق: ئانچە-مۇنچە بازارلىق قىلمىساق تۇرمۇش دېگەندە يەنە بولمايدۇ. ③ئىسىم. بازاردىن ئۆيدىكى بالا-چاقىلارغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا: ئۇ يېنىشىدا بالىلىرىغا بازارلىق ئېلىۋالدى. ④ئىسىم. بازاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر: سەھرالىق دەيدۇ بىزنى ئۆزىنى بىلمەي بازارلىق. ⑤سۈپەت. بازار دەرىجىلىك: بازارلىق ھۆكۈمەت.

باش ئۈستىگە

«بەجانىدىل»، «پۈتۈن كۈچ، پۈتۈن ئىمكانىيىتىم بىلەن» دېگەن مەنىلەردىكى جاۋاب سۆزى:-ئاغىچا، سەنەم ئەتىدىن باشلاپ مەدرىسىگە چىقمىسۇن!-دېدى شاھى ئابباس ئاغىچا ئانىغا.-باش ئۈستىگە،-دېدى ئاغىچا ئانا قوللۇق بىلدۈرۈپ.