ب

باقاۋۇل

ئىسىم. تارس. پادىشاھ، خان سارايلىرىدا پادىشاھ ۋە خانلارغا تاماق تەييارلاشقا مەسئۇل مەنسەپدار: پادىشاھ ھىلىقى مەخلۇقنى جاڭگالغا مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا باقاۋۇللارنى بۇيرۇپتۇ.

بالا

①ئىسىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق: بالىنى ئېمىتمەك. بالىسىغا ئەمچەك سالماق. ②ئىسىم. ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت: مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال). ③ئىسىم. بويىغا يەتمىگەن ئادەم؛ ياش: قىز بالا. ئوغۇل بالا.*ئادەمنىڭ مېۋىسى-بالا (ماقال). ④سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېشى چوڭ بولسىمۇ گۆدەكلەرچە ئىش، قىلىقلارنى قىلىدىغان؛ نادان: بالا، قىلغان ئىشىڭ چالا (ماقال). ⑤سۈپەت. كىچىك، ياش: بالا ئىشچى. بالا پادىشاھ. ⑥ئىسىم. يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھايۋان ياكى تۇخۇمدىن چىققان قۇش: قاغا بالام ئاپئاق دەيدۇ، كىرپە بالام يۇمشاق دەيدۇ (ماقال). ⑦سۈپەت. بىر تۈردىكى چوڭ-كىچىك نەرسىلەرنىڭ كىچىكى: بالا مەش. بالا توقاچ. بالا يەڭ. بالا تام.

بالىلىماق

پېئىل ①بالا تۇغماق؛ بالا چىقارماق (قۇشلار ھەققىدە): قۇشقاچ تام تۆشۈكىدە بالىلايدۇ، ئەمما ياۋا كەپتەر سۈيى يوق كارىزدا بالىلايدۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۆپەيمەك، ئاۋۇماق: يىللاردىن بېرى بالىلاپ كەتكەن بىرنەچچە توقماق قەرزنى تۆلەش ئىمىننى تۈگمەن تېشىدەك باستى.

بانان، بانانى

ئىسىم [رۇسچە] <بوتانىكا> بانان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ئۇزۇن، سەل ئەگرى كېلىدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ، تەمى تاتلىق؛ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدىن چىقىدۇ.

بايۋەچچە

ئىسىم [باي+بەچچە] ①باينىڭ بالىسى، بايزادە: ئۇنىڭ بايۋەچچە ئوغلى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بەش تەڭگە پۇلنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ خەجلىگەن ئەمەس ئىكەن. ②بايلارنىڭ بالىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ نامى ئورنىدا ياكى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ: ئات باقار خىجالەت بولۇپ:-رەھمەت بايۋەچچە،-دەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپتۇ. ③ئۆزىنى باي بالىسىدەك چاغلايدىغان ئابرۇيپەرەس، سۆلەتۋاز كىشى: قاسىم:-ئالدى بىلەن ئۇستىۋاشلىرىمنى راۋۇرۇس يېڭىلاپ، كېلىشكەن بايۋەچچە بولۇشۇم كېرەك،-دېدى-دە، توپتوغرا ماگىزىنغا يۈگۈردى.