ب

بىقارار

[پارسچە، ئەرەبچە] ①سۈپەت. بىر خىل تۇرمايدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان: ئۇ پۈتۈنلەي بىقارار بىر ھالەتتە ئىدى. ②رەۋىش. بىر قارار، بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن؛ قارارسىز، ئىككىلەنگەن: ئۇ تېخى بۇ ئىشتا بىقارار ئىدى. ③رەۋىش. كۈتۈپ تۇرالمايدىغان، ئىنتىزار، بىتاقەت: بۇ يىگىت مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرمەستىن ئاشىق بىقارار بولغانىكەن.

بىھۇدە

سۈپەت [پېئىل] ①پايدىسىز، مەنپەئەتسىز، بىكار: مەن بىھۇدە زايە بولغان ئاشۇ ئون يىلغا ئېچىنىمەن. ②ئورۇنسىز، ناھەق: ئۇ ئۆزىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ. ③مەززىسىز، كېلىشمىگەن، ئاساسسىز، بولمىغۇر: ئالىم بىھۇدە گەپلەرنى كۆپ قىلىپ كەتتى.