ب

بەرغەموت

ئىسىم [لاتىنچە] <بوتانىكا> ①سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق، گۈلى ئاق، مېۋىسى توق سېرىق رەڭدە، خۇشبۇي پۇرايدۇ، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ②شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

بەرىكەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①جىق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدىغان ئۈنۈم: بەرىكەت بەرمەك.-* خۇدا ساڭا بەرىكەت بەرسۇن ياخشى ئىشلە،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ②موللۇق، كەڭ-كۇشادىلىق، باياشاتلىق: ئۆتتى چاغ ھەر كۈنلۈكى بەرىكەت بىلەن، ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى ئەمگەك بىلەن. ③پايدا، مەھسۇلات، ھوسۇل، مېۋە، نەپ، نەتىجە: ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت-ئالتۇن بىلەن بەرىكەت (ماقال).

بەندە

ئىسىم [پارسچە] ①<دىن> دىنىي ئېتىقاد بويىچە خۇداغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز ئىختىيارى ھەم تەقدىرى خۇدانىڭ ئىلكىدە بولغان ئادەم، خۇدانىڭ قۇلى: ئاغىنىلەر، خۇدايىم بەندەمنى كەچ قويسام قويارمەن، ئاچ قويماسمەن دەپتىكەن، قانداقلا بولمىسۇن قونالغۇغا كېلىۋالدۇق. ②(جانلىقلارغا نىسبەتەن) ئادەم، كىشى: مۆمىن بەندە. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مەستانە، ئاشىق: كىتاب بەندىسى.

بەڭگىدىۋانە

ئىسىم [بەڭگى+دىۋانە] <بوتانىكا> چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى ئاچچىق بولۇپ، زەھەرلىك، مەست قىلىپ ئاغرىق توختىتىدۇ؛ رېماتىزمنى داۋالايدۇ؛ يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ.