ب

بىكار

[پارسچە] ①سۈپەت. ئىشتىن خالىي، بوش، ئىشى يوق، ئىشسىز: بىر بىكار ئوننى بىكار قىلىپتۇ (ماقال). ②سۈپەت. ئەھمىيەتسىز، پايدىسىز، كېرەكسىز: بۇ يەرلەرنى ئاغدۇرۇشقا تراكتور دېگەن جانىۋاردىن باشقىسى بىكار-دە!③رەۋىش. ئورۇنسىز، سەۋەبسىز: مەن ئەھۋالنى ھەقىقىي بىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنى بىكار ئەيىبلىگەنلىكىمنى بىلدىم. ④سۈپەت. ئىگىلەنمىگەن، بوش، قۇرۇق: شۇنچە چوڭ، ئازادە زالدا بىكار ئورۇندۇق كۆرۈنمەيتتى. ⑤رەۋىش. ھەقسىز، پۇلسىز؛ ئەجىرسىز («-غا،-قا،-گە،-كە:-دىن،-تىن» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كېلىپ): كىيىم بىكارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ئاسراپ، ئاياپ كىيىش كېرەك.

بىلىم

ئىسىم ①كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىشى ۋە تەجرىبىنىڭ مەھسۇلى ياكى مۇئەييەن ساھەگە ئائىت بولغان مەلۇماتلار يىغىندىسى: بىلىم-ئەقىلنىڭ چىرىغى (ماقال). ②مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ دەرىجىسى، مەلۇمات: ئۇنىڭ بىلىمى يۇقىرى.

بىۋاسىتە

رەۋىش [پارسچە+ئەرەبچە] ①توغرىدىن-توغرا؛ ۋاسىتىسىز: مەن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. ②توپتوغرا، ئۇتتۇر، ئۇدۇل: بۇ يول بىۋاسىتە يېڭىيەر يېزىسىغا بارىدۇ.