ب

بەلگىلىمە

ئىسىم. بىرەر ئىش ياكى مەلۇم مەسىلە ھەققىدە بىرەر ئورگان، تەشكىلات ۋە مەلۇم بىر يىغىن بامەسلىھەت قوبۇل قىلغان توختام، تۈزۈم، قارارلار ۋە ئۇنىڭ تېكىستى:-قەغەزدىكى بەلگىلىمە بۇ يەردە ئاقمامدۇ؟-دېدى ئۇ نارازى قىياپەتتە.

باب، بابى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①كىتاب، ئەسەر، ماقالە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر ئايرىم بۆلىكى؛ قىسمى: كىتابنىڭ بىرىنچى بابى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەۋر، سەھىپە: ئىسلاھات شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى باب ئاچتى. ③ئامال، چارە: ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال). ④سۈپەت [پارسچە] ماس، مۇناسىپ، توغرا، مۇۋاپىق؛ لايىق: باب كەلمەك. ئاشپەز ئۇستىلار قازانغا باب ساپلانغان يوغان كەپكۈرلەر بىلەن شويلىنىڭ ئوبدان بولۇشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلماقتا.

بادرا

ئىسىم. دىئامېتىرى تەخمىنەن ئالتە سانتىمېتىردىن 21 سانتىمېتىرغىچە بولغان، ئۆي-ئىمارەتكە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇزۇن ۋە تۈز ياغاچ: ئۆينىڭ ئاق تېرەك، سېرىق سۆگەت ۋە قاغا جىگدە بادرىلىرىدىن تەركىب تاپقان جەگىلىرى يادەك ئېگىلىپ تۇراتتى.