ب

بەيگە

ئىسىم ①ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى: ئات بەيگىسى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مۇسابىقە، بەسلىشىش: كېلىڭلار بەيگىگە دوستلار، سىنايلى جەڭدە غەيرەتنى، جاسارەتنى كۆرەك ئەيلەپ، تەشەككۇر مۇنبىرى كەلدى.

باببىت

ئىسىم [رۇسچە<ئىنگلىزچە] <خىمىيە> قەلەي، قوغۇشۇن ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا مېتاللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان، سۈركىلىشكە ئىنتايىن چىداملىق ھەمدە كۆزەينەكنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى قىلىنىدىغان بىر خىل قېتىشما.

باتسىتراتسىن

ئىسىم [رۇسچە] <بىئولوگىيە> ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بىرى، سۇس سېرىق رەڭدىكى پاراشوك ھالىتىدە بولىدۇ. ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى ياكى زەنجىرسىمان باكتېرىيىلەردىن بولغان يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

بارگاھ

ئىسىم [پارسچە] ھەربىي قوشۇن، پادىشاھ، خان، ۋاڭ، بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۇرار جايى؛ دەرگاھى: مەخسۇت بەگ بۇ چاغدا، چېدىر بارگاھتا قوللىرىنى شىلتىپ، ھە دەپ ئىمام خاتىپقا كايىۋاتاتتى.