ب

بوغما

① سۈپەت. بوغۇپ قويۇلغان ياكى پۈرۈپ قويۇلىدىغان، پۈرمىلىك: بوغما ياقىلىق كۆڭلەك. ②ئىسىم <تېبابەت> بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل. كېسەل قوزغاتقۇچىسى بوغما تاياقچە باكتېرىيسى؛ ئادەتتە ياز ۋە كۈزدە كۆپرەك تارقىلىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنى زەھەرلەنگەن بەزى ئاغرىقلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ. بۇ خىل كېسەل بەزىدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە پالەچ كېسەللىكىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بوغۇم

ئىسىم. ①نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان جايى: قومۇشنىڭ بوغۇمى. ②بەدەن سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرىككەن جايى: بوغۇم ياللۇغى. <تىل> ③بىر ياكى بىرقانچە تاۋۇش ئېلېمېنتىدىن ھاسىل بولغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك: ئوچۇق بوغۇم. يېپىق بوغۇم.