ب

بېلەتلىك

①سۈپەت. بېلىتى بار، بېلەت ئالغان: بۇ كىنوغا بېلەتلىك ئادەملەرلا كىرەلەيتتى. ②سۈپەت. بېلەتتىن پايدىلىنىپ ئېلىشقا بولىدىغان، بېلەت لازىم قىلىنىدىغان: بېلەتلىك تاماق. بېلەتلىك شېكەر.

بەتلەكلىك

سۈپەت ①بەتلەپ قويغان، ئوق بېسىلىپ ئېتىشقا تەييارلانغان؛ بەتلەنگەن، ئوقلانغان: پارتىزان باشلىقى ئوق بەتلەكلىك مىلتىقنى دىلبەرنىڭ قولىغا بەردى. ②قارىغا ئېلىنغان، قارىتىلغان، توغرىلانغان: ساڭا بەتلەكلىك تۇرغان يۈز مىڭلىغان قىساس ئىستوۋۇللىرىنى ئەڭ ئالدىن سېزىدىغانسەن؟

بەرىبىر

رەۋىش [بارى+بىر] ①ئوخشاش، پەرقسىز: گۆھەر نەدە بولسا ئۇ بەرىبىر گۆھەر.-* ئۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، گەرچە مەڭگۈ يۈز كۆرۈشەلمىسەكمۇ!- دېدى ئاسىيە. ②ھەرقانچە قىلغان بىلەن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان: ئادەمنى ئاغرىق تۇتىدىغان بولسا بەرىبىر تۇتۇۋېرىدۇ.