ب

بولغۇلۇق

①سۈپەت. بولۇشى لازىم، بولۇشى كېرەك: «ھوشيار بولغۇلۇق!» دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ. ②ئىسىم. بولىدىغان ئىش، بولۇشقا تېگىشلىك ئىش:-قېنى ئۆيگە كىرىڭلار، بولغۇلۇق بوپتۇ. نېمە كەلسە، ئۆزى كۆرەر،-دېدى نىساخان ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ.

بولۇپمۇ

باغلىغۇچى. ئومۇمىي ئۇقۇم تەركىبىدىكى ئايرىم بىر تارماقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ «ھەممىدىن بەك«، «خۇسۇسەن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى، بولۇپمۇ دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

بويۇنلۇق

سۈپەت ①بوينى بار، مەلۇم شەكىلدىكى بويۇنغا ئىگە: پاتەم ئۇزۇن بويۇنلۇق سۇ قاچىسىدىن تەشتەككە سۇ قۇيدى. ②بويۇنغا سېلىشقا تەييارلانغان: ئۇ:-بۇ قېتىم قىز تۇغسىڭىز بىر بويۇنلۇق مەرۋايىت، ئوغۇل تۇغسىڭىز ئالتۇن بىلەزۈك ئالىمەن،-دەپ قالدى.