ئە

ئەجدىھاگۈل

ئىسىم [ئەجدىھا+گۈل] <بوتانىكا> چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياكى ئىككى يىللىق تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنراقلىرى ئىللىپس ياكى تۆمۈنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى ياز ۋە كۈزدە ئېچىلىدۇ.

ئەدەپلىك

سۈپەت. ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، ئەدەپنى بىلىدىغان، تەربىيە كۆرگەن؛ ئەخلاقلىق: ئانا مەكتەپ بىزلەرنى ئۆستۈرمەكتە ئەدەپلىك، ئەخلاق، ئوقۇش، ئەمگەكنى بىلىمىز، ئەڭ شەرەپلىك.

ئەرمەك

ئىسىم. ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ياكى زېرىكمەي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىرەر نەرسە، مەشغۇلات: بالىلار ئەرمىكى. ئۇرۇش-سوقۇش، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش دېگەنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئەرمەك ئىكەن.