«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەپت

ئىسىم ①يۈز، چىراي، بەشىرە، بەت: قىيا ئېچىلغان ئىشىكتىن پەيزۇللانىڭ ھىجىيىپ تۇرغان ئەپتى كۆرۈندى. ②تاشقى كۆرۈنۈش، قىياپەت، تەقى-تۇرق، ھالەت: ئۇنىڭ بېجىرىم ۋە قاۋۇل كەلگەن ئەپتىدىن كۈچ يېغىپ تۇراتتى.

ئەتراپ، ئەتراپى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①تۆت تەرەپ، پەرق ئەتكەن ھەممە ياق: كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى قۇلاققا ياق (ماقال). ②كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يېقىن جاي: يېرىم سائەتتىن كېيىن يېقىن ئەتراپتا زەمبىرەكلەر گۈلدۈرلەشكە باشلىدى. ③مەلۇم نەرسىنىڭ چۆرىسى: ھازىر كەلگەن مېھمانلار ئۈستەل ئەتراپىغا توپلىشىپ ئولتۇردى.

ئەتمەك

1. پېئىل ①ياپماق، تاقىماق: ئۇ ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن ئەتتى. ②ئۆزئارا تۇتاشتۇرماق؛ تۈگمىلىمەك، ئىزمىلىمەك: بوۋام مېنى يولغا سالماقچى بولۇپ، خۇرجۇنۇمنىڭ ئىزمىسىنى ئالدىرىماي ئەتتى. ③توسماق، ياپماق؛ ئورىماق؛ تاڭماق؛ دالدا قىلماق: يۈزىنى ئەتمەك. كۆزىنى ئەتمەك. ④توسماق، تورىماق، باشقۇرماق: سۇنى ئەتمەك. باشلامنى ئەتمەك. 2. پېئىل ①ھەر خىل خام يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەك، ياسىماق، قىلماق: بۇ قىز دادىسىنىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىپ بېرىپ، ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن. ②بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرمەك، قىلماق: ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ ئەت (ماقال). شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال ئەتمە (ماقال). ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. دەپ بىلمەك، دەپ ھېسابلىماق، قاتارىدا كۆرمەك؛ تۇتماق: موماي:-قىزىم، ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر ھالدا ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت. بۇ يىگىت سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى، دەپتۇ. 3. ④«قىلماق» مەنىلىرىدىكى ياردەمچى پېئىل رولىدا...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەجدىھادەرىخى

ئىسىم [ئەجدىھا+دەرەخ+ئى] <بوتانىكا> گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىغان ھەم ناھايىتى ئېگىز ئۆسىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان، گۈلى ئاق، مېۋىسى شىرنىلىك. تروپىك بەلۋاغدا ئۆسىدۇ. جۇڭيى دورىسى-پالما يېلىمىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

ئەخلاق، ئەخلاقى

ئىسىم [ئەرەبچە] كىشىلەرنىڭ ھەربىر جەمئىيەتكە خاس بولغان پائالىيەت مىزانى؛ ئەدەپ، خۇلق، پەزىلەت: مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.