ماقال-تەمسىللەر (ئو)

  • ئوتنى سەل چاغلىما، كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى كىچىك دىمە، ئۆلتۈرىدۇ.
  • ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچىدۇ، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ.
  • ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە ئىچىدە كۆي.
  • ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق.
  • ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
  • ئوق يەتمىگەن يەرگە قېلىچ شىلتىمە.
  • ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ.
  • ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.
  • ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
  • ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن.
  • ئويناپ دىسىمۇ كۆڭلىدىكىنى دەر.
  • ئويناپ گەپ قىلساڭمۇ ئويلاپ گەپ قىل.
  • ئويۇننى چىدىغانغا چىقارغان.
  • ئويۇننى قەيەردە ئوينىساڭ، يىغاڭنى شۇ يەردە يىغلا.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *