پ

پىلىكئوت

ئىسىم [پىلىك+ئوت] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىيتى سوغۇق بولۇپ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش رولى بار، بۆرەككە پايدا قىلىدۇ، سۈيدۈكنى ماڭغۇزىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن تېپىلىدۇ.

پىنجەكلىك

سۈپەت ①پىنجىكى بار، پىنجەك كىيگەن: يولنىڭ ئۇ چېتىدە پىنجەكلىك بىر يىگىت بۇ ئىشلارغا ھەيران بولغىنىچە قاراپ تۇرماقتا. ②پىنجەك تىكىشكە يارايدىغان، پىنجەك بولىدىغان: بىر پىنجەكلىك تېرە.

پىيما

ئىسىم [رۇسچە] قوي يۇڭىدىن بېسىپ تەييارلىنىدىغان قونچلۇق قىشلىق ئاياغ كىيىمى: پىيما باسماق. *مەن پۇتۇمدا يوغان پىيما، ئۇچامدا ئۇزۇن جۇۋا، يوتامغىچە قار كەچكەن ھالدا ئېغىرېغىر قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتىمەن.

پۇتاق

ئىسىم ①دەل-دەرەخلەرنىڭ غولى ياكى چوڭ شاخلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارمىقى، يان شېخى: خېمىر باتۇر چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، پۇتاقلارغا ئېسىلىپ چىنارغا چىقىپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىر پۈتۈن ياكى بىر يۈرۈش ئەقىدىلەرنىڭ مەلۇم تارمىقى، بۆلىكى: شەرىئەتنىڭ پۇتىقى تولا. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېتەرسىزلىك، نۇقسان، كەمچىلىك؛ قۇسۇر: سىزغۇ مېنىڭ گېپىمدىنمۇ، ئىشلىرىمدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپلا تۇرىسىز،-دېدى ئايالى ئېرىدىن نارازى بولۇپ.

پۇراق

ئىسىم ①پۇراش سېزىمى ئارقىلىق سېزىلگەن ھەر خىل ھىد: مەززىلىك پۇراق. سېسىق پۇراق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئالامەت، بەلگە، شەپە: ئۇ كىشىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئەمەلدارلىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. سۆزدە، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىقلاردا ئۆزگىچە بىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت؛ ئۇسلۇب: مەتتۇرسۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن خوتەن تىلى دىئالكېتىنىڭ پۇرىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.