پ

پرويېكتور

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ دېتاللارنىڭ پرويېكسىيىسىنى ئېكرانغا چوڭايتىپ چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى، بۇلۇڭ گرادۇسى ۋە شەكلى قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆلچەش ئەسۋابى.

پوچتا

ئىسىم. ①يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تۆت چاقلىق ھارۋا. بۇنداق ھارۋىنىڭ يۆلىنىدىغان يېرىنىڭ ئۈستىدە كۈنلۈكى بولۇپ، ئۇنى لازىم بولغاندا ئېچىپ، لازىم بولمىغاندا يىغىپ قويۇشقا بولىدۇ. ②[رۇسچە<پولەكچە] پوسۇلكا، ھۆججەت، پۇل ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن كىشى ياكى جايغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئالاقە ئورنى ۋە شۇ ئورۇن جايلاشقان بىنا: شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى. ③پوچتىخانىلار تەرىپىدىن تېگىشلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان خەت، پۇل، پوسۇلكا قاتارلىق نەرسىلەر: بۈگۈن پوچتا كەلدى؟ ④پوچتىخانا: مەن بۈگۈن پوچتىغا باردىم.

پورت

①ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <قاتناش> سۇ يوللىرىدا كېمە، پاراخوتلار توختايدىغان؛ يۈك بېسىش، يۈك چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس جاھازىلانغان جاي. ②تەقلىد سۆز. يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى گاز ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ قاتتىق بېسىم تەسىرى بىلەن ئېتىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.