پ

پوككىدە

رەۋىش ①«پوك» قىلغان ھالدا: مەن ھارۋىغا لىق يۈك بېسىپ كېلىۋاتقىنىمدا، ھارۋا چاقى ئورەككە پوككىدە چۈشۈپ، ئېتىلىپ كەتتى. ②كۈتۈلمىگەندە، ئۇشتۇمتۇت: ئۇ ئىشىكىگە كېلىپ ئەمدىلا بوسۇغىدىن ئاتلىشىغا، پوككىدە ئىككى ئادەم ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

پولكا

ئىسىم [رۇسچە<چېخچە] <ئۇسسۇل> بىر خىل ئۇسسۇل، ئەسلىدە چېخلاردىن تارقالغان. ئۇنى ئىككى سەپكە تىزىلىپ، جۈپجۈپ بولۇپ ئوينايدۇ: ناخشا ئورنىنى شوق، جۇشقۇن پولكا ئالدى. مامۇت ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇدى.

پىئانىنو

ئىسىم [رۇسچە<ئىتالىيانچە] <مۇزىكا> كۇنۇپكىلىق بىر خىل مۇزىكا ئەسۋابى. ئىچكى قىسمىغا نۇرغۇنلىغان مېتال تارلار ۋە تىۋىتلىق رەخت ئورالغان بولقىسىمان كىچىك تاياقچىلار ئورنىتىلغان بولۇپ، تىلى بارماق بىلەن بېسىلغان ھامان تاياقچىلار تارغا ئۇرۇلۇپ، ئاۋاز چىقىرىدۇ.

پىتىرلىماق

پېئىل. ئۆزىنى ھەر يانغا ئۇرۇپ، پۇت-قولىنى سىلكىپ ھەرىكەت قىلماق؛ تېپىرلىماق: چوققىلار ئۈستىدە گۈرۈلدەر بوران، كەڭ يېيىپ قانىتىنى ئۇچىدۇ بۈركۈت. گويا ئۇ، قوغلايدۇ ئالدىغا سېلىپ، قاچماقتا پىتىرلاپ قارامتۇل بۇلۇت.