پ

پۇتاق

ئىسىم ①دەل-دەرەخلەرنىڭ غولى ياكى چوڭ شاخلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارمىقى، يان شېخى: خېمىر باتۇر چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، پۇتاقلارغا ئېسىلىپ چىنارغا چىقىپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىر پۈتۈن ياكى بىر يۈرۈش ئەقىدىلەرنىڭ مەلۇم تارمىقى، بۆلىكى: شەرىئەتنىڭ پۇتىقى تولا. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېتەرسىزلىك، نۇقسان، كەمچىلىك؛ قۇسۇر: سىزغۇ مېنىڭ گېپىمدىنمۇ، ئىشلىرىمدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپلا تۇرىسىز،-دېدى ئايالى ئېرىدىن نارازى بولۇپ.

پۇراق

ئىسىم ①پۇراش سېزىمى ئارقىلىق سېزىلگەن ھەر خىل ھىد: مەززىلىك پۇراق. سېسىق پۇراق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئالامەت، بەلگە، شەپە: ئۇ كىشىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئەمەلدارلىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. سۆزدە، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىقلاردا ئۆزگىچە بىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت؛ ئۇسلۇب: مەتتۇرسۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن خوتەن تىلى دىئالكېتىنىڭ پۇرىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.

پۇلسىز

سۈپەت ①پۇلى يوق، پۇلى بولمىغان: پۇلسىز ئادەم. // مەن بۇ يەردىن قايتقاندا پۇلسىز قالماي دەپ، پۇلۇمنىڭ يېرىمىنى بىر يەرگە يوشۇردۇم. ②پۇل تۆلەنمەيدىغان، ھەقسىز، بىكارغا: پۇلسىز داۋالىماق. پۇلسىز كىنو قويماق. *ھۆكۈمەت بالىلارنى پۇلسىز ئوقۇتتى.