پ

پاقىيوپۇرماق

ئىسىم [پاقا+يوپۇرماق] <بوتانىكا> پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە تۇخۇمسىمان؛ گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە؛ ئۇرۇق ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش؛ يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.

پانۇس

ئىسىم [ئەرەبچە<گرېكچە] ئادەتتە قولدا كۆتۈرىدىغان ياكى بىرەر جايغا ئېسىپ قويۇلىدىغان، شامال ۋە ھۆل يېغىندىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتى قەغەز ياكى ئەينەك بىلەن قاپلانغان، ئىچىگە شام ياكى كىرسىن يېقىلىدىغان بىر خىل چىراغ: دەرەخلەر ئارىسىغا خىلمۇخىل رەڭلىك پانۇسلار ئېسىلغانىدى.