پ

پرىنسىپال

سۈپەت [رۇسچە] ①پرىنسىپتىن كېلىپ چىقىدىغان، پرىنسىپقا ياتىدىغان، ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان؛ مۇھىم، جىددىي: پرىنسىپال مەسىلە. پرىنسىپال كۈرەش. ②پرىنسىپقا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان، پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان: پرىنسىپال بولماق. پرىنسىپال ئادەم.

پوستەكچى

ئىسىم ①تۈگمەندە ئىشلەيدىغان كىشى، تۈگمەنچى: ھاشىم ئاكا، باينىڭ تۈگمىنىدە پوستەكچى بولۇپ ئىشلىگەن. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باشقىلارغا خۇشامەت قىلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشى، يالاقچى: ھۈنەرۋەن كاسىپلار، ھەتتا پوستەكچىلەرمۇ توپ-توپ بولۇپ يۈرەتتى.