پ

پاسىبانلىق

ئىسىم. بىرەر كىشى ياكى نەرسىنى قوغداش، ئۇنى تۈرلۈك زىيان-زەخىمدىن ھىمايە قىلىش، غەمخورلۇق: كېچىلىرى يېرىم كېچىگىچە مەلىكە ئۇخلاپ، ئىنىكئانا پاسىبانلىق قىلسا، يېرىم كېچىدىن كېيىن ئىنىكئانا ئۇخلاپ، مەلىكە پاسىبانلىق قىلدى.

پاقىلىق

①سۈپەت. پاقا بار، پاقا قاپلىغان، پاقا كۆپ: پاقىلىق يەر. پاقىلىق كۆل. ②ئىسىم. تۈگمەننىڭ پاقىسى ئايلىنىپ تۇرىدىغان، پاقا ئورنىتىلىدىغان ئورۇن، جاي. ③سۈپەت. پاقا قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان: پاقىلىق تۆمۈر.

پاكلانماق

①«پاكلىماق» پېىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: تەرەت ئېلىپ پاكلانغان جامائەت بىر-بىرلەپ مەسچىتكە كېلىشكە باشلىدى. ②«پاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئاشۇ تويدا سېنىڭ روھىڭ شادلاندى، گۈل بېغىمىز شۇمبۇيىدىن پاكلاندى.