جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى
(1984-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-سانلىق يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن).
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان نېگىزلىك قانۇندۇر.
بىرىنچى باب: ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2-ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرگە بۆلۈنىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر.
3-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىر دەرىجىلىك يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدا دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
4-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ 3-باب 5-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇندا ۋە مۇشۇ قانۇندا، شۇنىڭدەك باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەۋەسىدە رايون، ناھىيە بولغان شەھەرلەر قاتارىدا يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
5-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى، ئۆز جايىدا ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارنىڭ رىئايە قىلىنىشىغا ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
6-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلماسلىق پرىنسىپى ئاستىدا، ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ھوقۇقلۇق. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئېڭىنى ۋە پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
7-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپ ئورۇندىشى لازىم.
8-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ.
9-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئىي قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئىي قىلىدۇ.
10-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
11-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، جامائەت تەشكىلاتى ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.
ئىككىنچى باب: مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى
12-ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا شۇ جايدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە باشقا شارائىتلارنى ئاساس قىلىپ ھەمدە تارىخىي ئەھۋالنى ھېسابقى ئېلىپ، بىر ياكى بىر قانچە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى ئاساس قىلغان ئاپتونومىيەلىك جاي قۇرۇلسا بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار دائىرىسىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاپتونومىيەلىك جايلار ياكى مىللىي يېزىلار قۇرۇلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ئاھالىلەر رايونلىرىنى ۋە شەھەر-بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ.
13-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ نامى، ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقى ئالمىغاندا، يەر نامى، مىللەت نامى، مەمۇرىي ئورۇن تەرتىپى بويىچە تۈزۈلىدۇ.
14-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى، رايون چېگراسىنىڭ ئايرىلىشىنى، نامىنىڭ تۈزۈلۈشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئالاقىدار يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ، ئۇنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ رايون چېگراسى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ھەقىقەتەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، قوشۇۋېتىشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىپ بەلگىلىگەندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىدۇ.
15-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر، ئۇلار گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدا ياكى ئايرىم نىزاملىرىدا بەلگىلىنىدۇ.
16-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بولغاندىن تاشقىرى، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە نىسبىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگۈچىلەر ئىچىدە تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇشى كېرەك.
17-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خادىملىرىدىن مۇۋاپىق سەپلىنىشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
18-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ كادىرلىرى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خادىملىرىدىن مۇۋاپىق سەپلىنىشى كېرەك.
ئۈچىنچى باب: ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى
19-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزاملىرىنى ۋە ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە ئايرىم نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە ئايرىم نىزاملىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
20-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار، بېكىتمە، بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمىگەندە، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، جانلىق ئىجرا قىلسا ياكى ئىجرا قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ؛ شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇشى لازىم.
21-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر قانچە خىل تىل-يېزىقنى ئىشلىتىدۇ؛ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر قانچە خىل تىل-يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىدىغان ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ.
22-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋە تۈرلۈك كەسپىي، تېخنىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى خىزمەتچى خادىملارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش ۋاقتىدا، تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خادىملىرىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنى ئېتىبار بېرىش، رىغبەتلەندۈرۈش يولى بىلەن ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.
23-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتتىن ئېلىشى لازىم ھەمدە يېزىلارنى ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن ئالسا بولىدۇ.
24-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلسا بولىدۇ.
25-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ فاڭجېن، سىياسەت ۋە پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
26-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىزم پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاساسىدا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
27-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز تەۋەسىدىكى يايلاق ۋە ئورمانلارغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى بەلگىلەيدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يايلاق ۋە ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە بەرپا قىلىدۇ. كۆچەت-جىرىم تىكىش ۋە ئوت-چۆپ تېرىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يايلاق ۋە ئورمانلارغا ھەر قانداق ۋاسىتە بىلەن بۇزغۇنچىلىقى قىلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ. يايلاق ۋە ئورمانلاردا ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىپ تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى مەنئىي قىلىدۇ.
28-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز تەۋەسىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرىدۇ ۋە ئاسرايدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، ئۆزى ئاچالايدىغان تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.
29-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچىگە، ماددىي كۈچىگە ۋە باشقا كونكرېت شارائىتىغا قاراپ، يەرلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
30-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ.
31-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن، تاشقىي ئىقتىسادىي پائالىيەت ۋە سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، تاشقى سودا ئېغىزلىرىنى قۇرسا بولىدۇ. چەت ئەللەر بىلەن چېگرىداش مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرا سودىسىنى قانات يايدۇرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار تاشقى ئىقتىساد-سودا پائالىيەتلىرىدە دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
32-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ مالىيىسى بىر دەرىجىلىك مالىيەدۇر، دۆلەت مالىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۇتاش مالىيە تۈزۈلمىسى ئاساسىدا، دۆلەتنىڭ مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىشنىڭ قېلىپلاشقان تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيىنىڭ ئېتىبار بېرىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ مالىيە خام چوت چىقىمىدا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئېھتىيات مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ جايلارنىڭ زاپاس خىراجىتىنىڭ خام چوتتا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئادەتتىكى رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مالىيە خام چوتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئارتۇق كىرىم بولغان ۋە چىقىمدىن تېجەلگەن مەبلەغنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.
33-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ تۈرلۈك چىقىم ئۆلچەملىرى، ئىشتاتى ۋە نورمىسى توغرىسىدا دۆلەت بەلگىلىگەن پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارىلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئاپتونوم رايون تۈزگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارىلەرنى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر تۈزگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارىلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.
34-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ باج قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ۋە كېمەيتىپ ئېلىنىدىغان تۈرلەردىن باشقا، يەرلىك مالىيە كىرىمىگە تەئەللۇق بولغان ھەم باج جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش زۆرۈر بولغان بەزى تۈرلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش يولىنى تۇتسا بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر باجنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى بەلگىلەشتە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت.
35-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەرلىك سودا بانكىلىرىنى ۋە شەھەر-يېزا ئامانەت-قەرز ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.
36-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ مائارىپ پىلانىنى، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى، ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى، ئوقۇتۇشتا قوللىنىلىدىغان تىلنى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ.
37-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپنى ۋە ئوتتۇرا كەسىپ-تېخنىكا مائارىپىنى كۆپ خىل شەكىل بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىت ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى قىيىن، ئولتۇراقلىشىشى تارقاق بولغان ئاز سانلىق مىللەت تاغلىق رايونلىرىدا مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشنى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئاساس قىلغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشنى تاماملىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەكتەپ ئېچىش خىراجىتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلىنى شۇ جايلارنىڭ يەرلىك مالىيىسى ھەل قىلىدۇ، شۇ جايلارنىڭ يەرلىك مالىيىسىدە قىيىنچىلىق بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر (سىنىپلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ شارائىتى يار بېرىدىغانلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرىسلىكنى قوللىنىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈشى كېرەك؛ ئەھۋالغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن سىنىپلىرىدىن ياكى يۇقىرى سىنىپلىرىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسىنى تەسىس قىلىش، مەملىكەت بويىچە قوللىنىلىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرىسلىك ۋە نەشىر بۇيۇملىرىنى تۈزۈش-تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش خىزمىتىگە مالىيە جەھەتتىن يار-يۆلەك بولۇشى لازىم.
38-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي شەكىل ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەدەبىيات، سەنئەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ. مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قارىتىلغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلارنىڭ مىللىي تىلدىكى تارىخىي كىتابلار ۋە مەدەنىيەت كىتابلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئۆز مىللىتىگە خاس مەشھۇر يادىكارلىقلارنى، قىممەتلىك ئاسار-ئەتىقىلەرنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي، مەدەنىي مىراسلارنى قوغدايدۇ، ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
39-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.
40-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ، زامانىۋى ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇلارنى تىزگىنلەش ۋە ئانا-بالىلار ساغلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.
41-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
42-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا جايلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئاكتىپ قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە باغلىسا بولىدۇ.
43-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
44-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار پىلانلىق تۇغۇت ۋە ساغلام تۇغۇش-ئوبدان بېقىش يولىنى تۇتۇپ، ھەر مىللەت نوپۇسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىپ ۋە ئۇنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
45-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسرايدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تۈگىتىدۇ، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئىشلىرىنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
تۆتىنچى باب: مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى
46-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ تەپتىش مەھكىمىلىرى يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىك تەركىبىدە ۋە خىزمەتچى خادىملىرى ئىچىدە تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ خادىملىرى بولۇشى كېرەك.
47-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى دېلولارنى قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشتە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىلنى قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئوبدان بىلىدىغان خادىملارنى مۇۋاپىق سەپلىشى كېرەك. شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك. قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر قانچە خىل يېزىق بىلەن يېزىشى كېرەك. ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دەۋا ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
بەشىنچى باب: مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى مىللىي مۇناسىۋەت
48-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرىنى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش يولىدىكى ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغايدۇ.
49-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرىغا بىر-بىرىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە بېرىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە قوللىنىلىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى دۆلەت خادىملىرىدىن شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان ئىككى خىلدىن ئارتۇق تىل-يېزىقنى پىششىق قوللىنالايدىغانلارنى مۇكاپاتلاش كېرەك.
50-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مۇناسىپ ئاپتونومىيەلىك جاي ياكى مىللىي يېزا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز تەۋەسىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقا مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىدۇ.
51-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى مىللەتلەرگە تاقىلىدىغان ئالاھىدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىشى، ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى شەرت.
52-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.
53-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، ئەمگەكنى سۆيۈش، پەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۆز جايىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، كوممۇنىستىك تەربىيە ۋە مىللىي سىياسەت تەربىيىسىنى ئېلىپ بارىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا بىر-بىرىگە ئىشىنىش، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىنىڭ تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.
ئالتىنچى باب: يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بۇرچى
54-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا دائىر قارارلىرى، بېكىتمىلىرى، بۇيرۇقلىرى ۋە يوليورۇقلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
55-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى تەتقىق قىلىش، تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە، پۇل مۇئامىلىسى، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىق خادىم قاتارلىق جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشى كېرەك. دۆلەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈشتە، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىنى ئېتىبارغا ئېلىشى لازىم.
56-ماددا دۆلەت بىر تۇتاش ئومۇمىي پىلانغا ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش تۈرلىرىنى ۋە ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلىرىنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. دۆلەت زور ئاساسىي مۇئەسسەسەلەرگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا قەرز پۇلى بېرىش سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، يۈرۈشلەشكەن مەبلەغنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش يولى بىلەن ئېتىبار بېرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي پەن-تېخنىكا كەشىپ قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەمەلىي تېخنىكىنى ۋە راۋاجلىنىشىغا شارائىت يار بېرىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئىختىساسلىق پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا مۇۋاپىق ئېقىشىغا ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يۆتكەپ بەرگەندە، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ، ئىلغار، قوللىنىشقا باب ئۈسكۈنە ۋە ھۈنەر-سەنئەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
57-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۇل بازىرى ۋە كاپىتال بازىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئىشقا سېلىپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا پۇل مۇئامىلىسى جەھەتتىن يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش، كۆپ خىل ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى مۇۋاپىق مەبلەغ تەلىپىگە نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى لازىم. دۆلەت سودا بانكىلىرىنىڭ مىلىلىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا قارىتىلغان كرېدىت سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، شۇ جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ تەلىپىگە ئاكتىپ مەدەت بېرىدۇ.
58-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مالىيە، پۇل مۇئامىلىسى، ئىختىساسلىق خادىم قاتارلىق جەھەتلەردىن مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى كارخانا باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بېرىپ ئۆگىنىشىگە تەشكىلاتچىلىقى قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى كارخانا باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىشىگە يېتەكچىلىكى قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى لازىم.
59-ماددا دۆلەت تۈرلۈك خاس مەبلەغلەرنى تەسىس قىلىپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ. دۆلەت تەسىس قىلغان تۈرلۈك خاس مەبلەغلەر ۋە ۋاقىتلىق مەخسۇس مىللىي ياردەم پۇلىنى ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئازايتىۋېتىشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئۇنى ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ نورمال خام چوت كىرىمى ھېسابىغا كىرگۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
60-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مىللىي سودا سىياسىتىگە ۋە مىلىلىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ سودا، تەمىنات-سودا ۋە تىببىي دورىگەرلىك كارخانىلىرىغا سېلىنما مەبلەغ، پۇل مۇئامىلىسى، باج قاتارلىق جەھەتلەردىن يار-يۆلەك بولىدۇ.
61-ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ تاشقى ئىقتىساد-سودىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تاشقى سودا تىجارىتىدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى چوڭايتىدۇ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئېتىبار بېرىش ئاساسىدىكى چېگرا سودا سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.
62-ماددا خەلق ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرىدۇ. ئادەتتىكىدەك مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بويىچە مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش يولى بىلەن، شۇنىڭدەك دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا شەكىللەر بىلەن مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئۇنى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە سەرپ قىلىپ، شۇ جايلارنىڭ تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن بولغان پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىدۇ.
63-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ۋە سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئالاقە قاتارلىق ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلىشىغا سېلىنما مەبلەغ، پۇل مۇئامىلىسى، باج قاتارلىق جەھەتلەردىن يار-يۆلەك بولىدۇ؛ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئۆز جايىدىكى بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يەرلىك سانائەتنى، يېزا-بازار كارخانىلىرىنى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى، شۇنىڭدەك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە ئېھتىياجلىق تاۋارلارنىڭ ۋە ئەنئەنىۋى قول سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ.
64-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ۋە سىستېما بويىچە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك ياردەم بېرىش ئىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى، مەدەت بېرىشى ۋە ئىلھام بېرىشى، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
65-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋاقتىدا، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشى، بۇ ئىشلارنى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، تەبىئىي بايلىقنى سىرتقا چىقىرىدىغان مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا مەنپەئەت جەھەتتە مەلۇم تۆلەم بېرىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ ئۆز ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا، ھەر خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.
66-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ زور ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى، مۇھىت مۇھاپىزىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلىرىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى، مۇھىت مۇھاپىزىتىگە تۆھپە قوشقان بولسا، دۆلەت ئۇلارغا مەنپەئەت جەھەتتە مەلۇم تۆلەم بېرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شۇ جايلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغدىشى ۋە ياخشىلىشى، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك.
67-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن شۇ جايلاردىكى ئاز سانلى مىللەتلەردىن ئالىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، شۇ جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى، ئايرىم نىزاملىرى ۋە يەرلىك نىزاملىرى، قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، شۇ جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
68-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.
69-ماددا دۆلەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى نامرات رايونلارغا مالىيە، پۇل مۇئامىلىسى، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، ئىختىساسلىق خادىم قاتارلىق جەھەتلەردىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.
70-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئۆز جايىدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىللەر بىلەن مۇۋاپىق ساندا ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلارغا تۇرمۇش تەمىناتى جەھەتتىن مۇناسىپ ئېتىبار بېرىدۇ.
71-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا قارىتىلغان مائارىپ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىدۇ ھەمدە ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇشىغا ۋە باشقا مائارىپ ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت مەخسۇس ياكى ئاساسەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان مىللىي ئالىي مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، ئالىي مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپ، مىللىي تەييارلىق كۇرسلارنى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە نىشانلىق قوبۇل قىلىش، نىشانلىق تەقسىملەش چارىسىنى قوللانسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ۋە تېخنىكوملار يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتىدا، ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ۋە شەرتىنى لايىقىدا كەڭرەك قويۇۋېتىدۇ، نوپۇسى پەۋقۇلئاددە ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشى لازىم. دۆلەت تەرەققىي قىلغان رايونلاردا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ياكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا بېرىپ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا تەمىنات جەھەتتە مۇناسىپ ئېتىبار بېرىدۇ.
72-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئارىسىدا مىللىي سىياسەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى، مىللىي سىياسەت ۋە ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
يەتتىنچى باب: قوشۇمچە قائىدە
73-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە، بۇ قانۇننى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مەمۇرىي نىزام، قائىدە، كونكرېت تەدبىر ۋە چارىلەرنى ئايرىم-ئايرىم تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ۋە تەۋەلىكىدە ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە بولغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
74-ماددا بۇ قانۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.











