ئادا

[ئەرەبچە] ①ئىسىم. ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسىنىڭ ئاخىرى، تاماملىنىش ئىجراسى: ۋەزىپە ئادا بولماق.*بىز بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق. ②سۈپەت. پاكىز، تازا: ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىكىلەر: «بۇغدىيىڭ تازا ئەمەسكەن» دەپ باشقىدىن ئادا قىلدۇردى.

ئاخۇنەك

ئىسىم <زوئولوگىيە> بىر خىل قۇش، ئەركىكىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 33 سانتىمېتىر، يازلىق پەي تۈكلىرىنىڭ رەڭگى چىپار بولۇپ دۈمبە، قۇيرۇق تەرەپلىرى ئاق ئالا بولىدۇ؛ چىشىسىنىڭ باش ۋە بويۇن قىسىملىرى قارا، قالغان قىسىملىرى سارغۇچ رەڭلىك، قوڭۇر ئالىسى بار، ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ؛ ئېگىز تاغلاردا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نوتىسىنى، ئۇرۇقلىرىنى ۋە ھاشاراتلارنى يەپ ياشايدۇ؛ خېيلۇڭجياڭدا، شىنجاڭنىڭ ئالتاي تاغلىرىدا تېپىلىدۇ.