پالاق

①ئىسىم [ئەرەبچە] دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سوراقخانىلاردا گۇناھكارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى؛ يېسسى تاياق: پالاق بىلەن ئۇرماق. ②كېمە، قېيىق، قولۋاقلارنى سۇدا ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان، ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ: قېيىق پالىقى. ③چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاب: چىۋىن پالىقى. ④<تەنتەربىيە> تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىلەردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى: تىكتاك توپ پالىقى. ⑤سۈپەت. بىخسىغان، بۇزۇلغان، سېسىپ قالغان، كۆكىرىپ قالغان (تۇخۇم ھەققىدە): پالاق تۇخۇم. ⑥تەقلىد سۆز. يىقىلىش، ئۆرۈلۈش ۋە تېز ھەم تاسادىپىي ھەرىكەتتىن چىقىدىغان ئاۋاز: سۇلايمان ئاتتىن «پالاق» قىلىپ يىقىلىش بىلەنلا داد-پەرياد كۆتۈردى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *