⑧ئىسىم. بەزى كېسەللىك نەتىجىسىدە كۆز قارىچۇقىدا پەيدا بولغان ئېقىش داغ پەردە: كۆزگە ئاق چۈشمەك. ⑨ئىسىم. تۇخۇمنىڭ ئاقسىل ماددىسى: تۇخۇمنىڭ ئېقى. ⑩سۈپەت. سۇس، ئاققا مايىل: ئاق يېشىل، ئاق سېرىق. ⑪ئىسىم. ئۆلۈم-دەپنە ئىشلىرىدا مۇسىبەت ئىگىلىرى ماتەم تۇتۇپ باغلايدىغان ئاق رەخت: مەرھۇمنىڭ يالغۇز قىزى بېشىغا ئاق رومال چىگىپ، بېلىگە ئاق باغلاپ جىنازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.