«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بوشىماق

پېئىل ①ئىگىلىگەن ۋە ئىشغال قىلغان نەرسىدىن خالىي بولماق: ئۆي بوشىدى. يول بوشىدى. ②ئىشتىن، مەلۇم ھەرىكەتتىن چۈشمەك؛ بىكار بولماق: ئىشىدىن بوشىماق. خىزمەتتىن بوشىماق.*گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس (ماقال).*يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ قولى خېلى بوشايدۇ. ③قۇتۇلماق، قۇتۇلۇپ چىقماق: تۈرمىدىن بوشىماق.

بوغۇشماق

①«بوغماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى :ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يىغقان ئوغۇتنى تاغارلىرىغا ئېلىشىپ، ئېغىزلىرىنى بوغۇشۇپ يەنە يۈدۈپ كېتىشتى. ②ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشماق: ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ، سايىمغا تاشلاندى، ئىككىسى بوغۇشۇپ كەتتى.

بولغۇسى

①«بولماق» پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كەلگۈسىدە بولۇشى مۇمكىن ياكى ئېھتىمالغا يېقىن بولغان: خەتتە دۇئايىسالامدىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەنىدى: «مەن چەت ئەلگە چىقماقچىمەن، بولغۇسى ھاكىم ئۆزلىرىگە مۇبارەك بولسۇن».