«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بىلدۈرمەك

①«بىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇ، توپ-زەمبىرەكلەرنى قانداق ئىشلىتىشنى خەلق ئەسكەرلىرىگە بىلدۈردى. ②ئىپادىلىمەك: مەسچىت دېگەن سۆز ئەرەبچە «سەجدە قىلىدىغان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ③ئىزھار قىلماق، ئېيتماق: تەشەككۇر بىلدۈرمەك. ئىپادە بىلدۈرمەك. ④كۆرسەتمەك: قارشىلىق بىلدۈرمەك.

بىمەززە

سۈپەت [پارسچە، ئەرەبچە] ①مەززىسسىز. ②تەمسىز، لەززەتسىز: بىمەززە قوغۇن. ③قاملاشمىغان، مەنىسىز: شۇنداق بولسىمۇ، سىزگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ كېچە بىمەززە، كۆڭۈلسىز ئۆتىدۇ. چۈنكى قىزىقچى دوستلارنىڭ يېرىمى بارمايدۇ.

بىناۋا

سۈپەت [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①كۈيلىمەيدىغان، ناخشا ئېيتمايدىغان: ھەمىشە مەن ناۋا قىلسام، يەنە «سەن بىناۋا» دەرلەر. ②بىچارە؛ بەختسىز؛ نائۈمىد: نېچۈك قىسمەتكى بۇ دوستلار، ئەجەب بەختى قارا بولدۇم، تۇغۇلغان ئۆز دىيارىمدا مۇساپىر، بىناۋا بولدۇم.

بىھۆرمەت

سۈپەت [پارسچە، ئەرەبچە] ھۆرمىتى يوق، كىشىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان؛ ھۆرمەتسىز:-ھەي، بىھۆرمەت، ئەدەپسىز، سېنىڭ ئېشەكتىن پەرقىڭ قانچىلىك زادى؟-دەپتۇ باي ئەپەندىمگە زەردە بىلەن ۋارقىراپ.