«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پۈركەنمەك

①«پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: دۇختۇرنىڭ ئاپئاق يوتقىنىغا پۈركىنىپ ياتقان ساۋۇت تەسلىكتە كۆزىنى ئاچتى. ②«پۈركىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: يېزىمىز گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەندى.

پۈكۈلمەك

①«پۈكمەك» پېىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ئاڭلا خالىدەم، قەدرىڭ ئۆتۈلدى. دەردىڭدە مېنىڭ قەددىم پۈكۈلدى. ②«پۈكمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ھېلىقى ئادەم قولىدىكى پۇللارنىڭ پۈكۈلگەن بۇرجەكلىرىنى تۈزەپ چىقتى.

پائالىيەتلىك

سۈپەت ①ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان، پائالىيەتچان، ئاكتىپ: پائالىيەتلىك ئادەم. ②پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بۈگۈن ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدا مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك، ھەر خىل پائالىيەتلىك ھەرىكەتلەر كۆرسىتىلىدۇ.

پاتىھە، پاتىھەسى

ئىسىم [ئەرەبچە] ① قۇرئاننىڭ بىرىنچى سۈرىسى، باشلىنىشى. ②بىراۋنى يوقلاپ ياكى زىيارەت قىلىپ ھۇزۇرىغا ۋە ئۆيىگە بارغاندا ئەھۋاللىشىشتىن ئىلگىرى ياخشىلىق تىلەپ ئېيتىلىدىغان دۇئا: پاتىھە قىلماق. *تېرىمدىن كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ پاتىھە ئوقۇپ كېلەي دەپ كېلىۋىدىم. ③بىرەر ئىشنى باشلىغان كىشىگە ياخشىلىقنى تىلىگەن ھالدا بېرىلگەن رۇخسەت، ئىجازەت: سودىگەرلەر ئۇنىڭغا ھەر كۈنى سالام بېرىپ ئۇنىڭدىن پاتىھە ئالغاندىن كېيىن، ئۆز تىجارەت ئورنىغا بېرىپ دۇكىنىنى ئاچىدىكەن. ④ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدە ئۆلۈمدىن كېيىن بىرقانچە كۈن ئىچىدە ياكى ھېيت كۈنلىرى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا ۋە تەزىيىلەر: ئەپەندىم باينىڭ ئۆيىگە پاتىھەگە بېرىپ:-مەرھۇمنىڭ گۆرى چوڭقۇر بولسۇن،-دەپ دۇئا قىلىپتۇ. ⑤قىز بىلەن يىگىت تۇرمۇش قۇرۇشنى ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە بارىكاللا ئېيتىپ بەرگەن تەشەككۈر دۇئاسى: پاتىھەدىن كېيىن ئابدۇۋارىس مۇپتى توي ۋاقتىنى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!