«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پىچىم

ئىسىم ①رەختنىڭ كىيىمگە ئۆلچەپ كېسىلىشى؛ پاسون: بۇ بۇشىمنىڭ پىچىمى ياخشى بوپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. تاشقى كۆرۈنۈش، قەددى-قامەت: پىچىمى كېلىشكەن يىگىت. *مەن ئۇ قىزنىڭ خۇش پىچىم قاملاشقان قامىتى، يېقىملىق مىجەزى، قول ھۈنەر، خىسلەت-پەزىلەتلىرىنى ئۈلگە، ئۆرنەككە لايىق قاملاشتۇرۇپ يارىتىپ قويغان تەبىئەتكە تەھسىن ئېيتىمەن. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. توختىتىلغان، بېكىتىلگەن باھا؛ نەرخ: شەمسىدىن قورۇجاينىڭ پىچىمىنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپلا كەتتى.

پىرقە

ئىسىم [ئەرەبچە] تارىخىي سۆز ①كىشىلەر توپى، گۇرۇھ، گۇرۇپپا:-ئورۇس دېگەن بىر پىرقە بار ئوخشايدۇ، شۇ خەلق ئىلىخونى بېسىۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم-دېدى بوۋاي. ②پارتىيە: مەن بارلىق پىرقە ئەزالىرىنى يىغىپ، جاھاننىڭ دۆڭ-چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم.