«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پاراللېل

[رۇسچە] <ماتېماتىكا>①سۈپەت. بىر تەكشىلىكتە ياتقان ۋە ئۆز ئارا كېسىشمەيدىغان؛ يانداش: پاراللېل تۈز سېزىق. پاراللېل تۆت تەرەپلىك. ②سۈپەت. ئەينى ۋاقىتتا تەڭ بىللە تۇرغان؛ تەڭ دەرىجىدىكى: پاراللېل سىنىپ. ③ئىسىم <جۇغراپىيە> دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئېكۋاتور سىزىقىغا يانداش قىلىپ سىزىلغان سىزىقلار.

پاراۋانلىق

①ئىسىم. پاراۋان ھالەت: سوتسىيالىزم يولى-ئورتاق پاراۋانلىققا قاراپ مېڭىش يولى. ②سۈپەت. تۇرمۇشنى پاراۋان قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا خاس بولغان: پاراۋانلىق پۇلى. پاراۋانلىق فوندى.

پارتلىماق

پېئىل ①جىسىملارنىڭ ھەجىمى تېز كېڭىيىپ، ئەتراپتىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، تەرەپ-تەرەپكە يېيىلىپ پارچە-پارچە بولماق، بۆلەك-بۆلەككە ئاجراپ ئەتراپقا چېچىلماق: دۈشمەن ئىستىھكامىغا تاشلانغان قول بومبىلىرى ئارقاارقىدىن پارتلىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جەمئىيەتتە بەزى ۋەقەھادىسىلەر تۇيۇقسىز شىددەتلىك يۈز بەرمەك، پەيدا بولماق، كۆتۈرۈلمەك: قوزغىلاڭ پارتلىدى.

پارچىلانماق

①«پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ھازىر لۈكچەكلەر گۇرۇپپىسىمۇ پارچىلاندى. ②«پارچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇكام بىلەن ئىككىمىز پارچىلانغان ئوتۇنلارنى بۇلۇڭغا يىغدۇق.

پارلىماق

①پېئىل. يارقىن نۇر چېچىپ تۇرماق، يورۇق يانماق؛ چاقنىماق: بۇلۇتسىز ئاسماندا قۇياش پارلىدى. ②پېئىل. مەلۇم ئۆلچەم ۋە نۇسخا بويىچە تۈرگە ئايرىماق؛ سورتقا ئايرىماق، خىللىماق، تاللىماق، ئىلغىماق: ئۈزۈم پارلىماق. ئۇرۇق پارلىماق. ③جۈپلىمەك، جۈپ-جۈپ ھالەتكە كەلتۈرمەك: پارلاپ تىزىلغان ئۆتۈكلەر مال تەكچىسىگە رەتلىك تىزىلغانىدى.