«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پىتىر

①ئىسىم [ئەرەبچە] <دىن> ئىسلام دىنى قائىدىلىرى بويىچە روزا ئېيى ئاخىرلاشقاندا كەمبەغەللەرگە بېرىدىغان سەدىقە، زاكات: پىتىر بەرمەك. ②تەقلىد سۆز. ئۆز ئورنىدا جىم تۇرماي ئۇ ياقتىن بۇ ياققا تېز ھەرىكەت قىلىش ھالىتى: پىتىر قىلىپ قالماق. پىتىر قىلىپ ھەرىكەت قىلماق.