ئاۋات ناھىيىسى

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن)

ئاۋات ناھىيەسى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنەبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، قەشقەر دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان. قاتناش لېنيەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچى شەھرىگىچە بولغان ئارىلىقى 1086 كېلومېتىر، ئاقسۇ شەھرىگىچە بولغان ئارىلىقى 72 كېلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمالىي تەرىپى ئاقسۇ شەھرى بىلەن، غەربىي تەرىپى كەلپىن ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق بىر قىسىمى ئارقىلىق قاراقاش، لوپ ناھىيەلىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان 81 گرادۇس 05 مىنۇتتىن، شىمالىي پارالىل 39 گرادۇس 31 مىنۇتتىن 40 گرادۇس 50 مىنۇت كىچە جايلاشقان. تۈز سېزىق بويىچە ھېسابلىغاندا، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 150 كېلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 100 كېلومېتىر بولۇپ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1028-1064 مېتىر كېلىدۇ.

ئاۋاتتىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ جايلاشقان ئورنى سۇ ئاپىتىدىن خالاس بولۇپ، سۈيىنىڭ موللىقىدىن گۈزەل بوستانلىققا ئايلىنىپ، قاتناش ئىشلىرىغا قولايلىق شارائىت ياراتقان. يىپەك يولىدىكى كارۋانلار ئاقسۇدىن ئاۋات ئۆتەڭگە چۈشۈپ، بۇ جايدا قۇنۇپ، ئاقسۇ دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسىنى بويلاپ، مارالبېشى، مەكىت، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق، قارىقاش، لوپ، خوتەن، كېرىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تىجارىتىنى راۋانلاشتۇرغان. ئاۋاتتىكى دولانلىقلار كارۋانلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇشۇمچە تىجارەت دۇكانلىرىنى قۇرۇپ، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان. نەتىجىدە كىچىك بازار شەكىللىنىپ ، تىجارەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپۈيۈپ، مەدەنىيەت ۋە سودا ئىشلىرى پەيدىن-پەي گۈللەنگەن.

يەر مەيدانى: پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 13258 كۋادىرات كېلومېتىر (موغا سۇندۇرغاندا 2 مىليۇن 992 مىڭ 600 مو، ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 15% تىنى قۇملۇق، چۆللۈك يەر كۆلۈمى 16 مىليۇن 537 مىڭ 500 مو، بۇ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 82.8% تىنى، سۇ يۈزى كۆلۈمى 358 مىڭ 500 مو، بۇ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 2.2% تىنى تەشكىل قىلىدۇ. پۈتۈن ناھىيەنىڭ سوغۇرۇشقا بولىدىغان يەر كۆلۈمى 2 مىليۇن مو بولۇپ، ئومۇمىي ئېكىنزارلىق كۆلۈمىنىڭ 6608% تىنى ، ھازىر تېرىلىۋاتقان يەر كۆلۈمى 487 مىڭ 800 موبولۇپ، بۇ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 2.5% تىنى، ئېكىنزارلىق كۆلۈمىنىڭ 16.3% تىنى، سۇغۇرۇشقا بولىدىغان يەر كۆلۈمىنىڭ 24.4% تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مىللەت تۈزۈلۈشى ۋە تەركىبى: ئاۋات ناھىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ مىللەت توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، مۇڭغۇل، شىبە، رۇش، زاڭزۇ، مانجۇ، مىياۋزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق 17 مىللەت بار.

ھاۋا كېلىماتى: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئىقلىمى موتىدىل بەلباغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھاۋاسى ئىللىق، ئىسسقىلىق مىقتارى مول، ھۆل-يېغىن مىقتارى ئاز، ھاۋاسى قۇرغاق، پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، قۇياشنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، يىللىق ۋە كۈنلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى چوڭ، ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق، قىش پەسلى قۇرغاق سوغۇق بولىدۇ.

ئاۋات ناھىيەسىدە زەي، قۇرغاقچىلىق، بوران، ئۈششۈك، مۆلدۈر، قارا يامغۇر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈ بېرەتتى. ئەمگەكچان، باتۇر، پاراسەتلىك ئاۋات خەلقى پارتيىە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش كۆرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىكولوگىيەنى قوغداپ، ناھىيە ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مول تەبىئي بايلىقلىرى: ئاۋات ناھىيەسى مول نۇر ئېنىرگىيە بايلىقى، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن ئىبارەت كىلىمات بايلىقىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، مول يەر بايلىقى، (ئېكىنزارلىق يەر، تېرىلغۇ يەر، ئورمانلىق يەر، يايلاق يېرى، بىنام يەر)، مول سۇ بايلىقى (يەر ئاستى سۈيى، ھۆل-يېغىن، سۇ ئېنىرگىيە بايلىقى)، جانلىق مەۋجۇدادلار بايلىقى (ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى، ئورمان بايلىقى، ھايۋانلار بايلىقى قاتارلىق) بايلىق ئەۋزەلىكىگە ئىگە.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى

2. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر تارىخى

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *