- چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى ياخشى.
- چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ
- چاپىنى بارغا مۇشت ئاتاي، جۇۋىسى بارغا تور كەتسۇن
- چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا
- چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق
- چاسا ئۆلچۈك يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس
- چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ
- چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قويرۇقىغا ئېسىلار
- چاققانغا بار، لايپۇسقا يوق
- چاقىدا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق. قىزىدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق.
- چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر
- چالا موللا دىن بۇزار
- چالا موللا ۋاراقلايدۇ، ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ
- چاۋاك ئىككى قولدىن چىقار
- چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى يوق.
- چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك كۆتنى ئاچار
- چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ
- چوڭغا چوڭچە، كىچىككە ئوڭچە
- چۆچۈرە چۆرۈلگۈچە، ئۈگرە ئۆرۈلگۈچە
- چۆچۈرە كۆلدە پىشار، مانتا چۆلدە
- چۆچۈرە يېيىشتىن مەقسەت گۆش يېيىش
- چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار
- چۈجىنى كۈزدە سانا، چۆچۈرىنى پىشقاندا
- چۈجە خوراز بىلگىنىنى قىچقىرار
- چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ
- چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا، كەچلىك ئوزۇق تاپ
- چۈشمەك ئاسان، چىقماق تەس
- چېچەن يىگىت يىلان كۆشىگەننى تۇيار
- چېچەننىڭ تىلى ، چەبدەسنىڭ قولى
- چىدىماسنىڭ نالىسى تۇلا، خوش ياقماسنىڭ باناسى (باھانىسى)
- چىدىماسنىڭ ئۆيى پايلىماسنىڭ قېشىدا
- چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر
- چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق
- چىرايلىقتا ۋاپا يوق
- چىرايلىقنى تاشلىساڭمۇ قەدىناسنى تاشلىما
- چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى
- چىرىغىڭ قانچە بولسا سايەڭ شۇنچە بولار
- چىغرىقچى چىگىت دەيدۇ، چوكانلار يىگىت دەيدۇ
- چىلانغا چۆل ياخشى، ياڭاققا كۆل
- چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن، كالتەك تەگسە جىم تۇرىسەن
- چەككىنىم جەبر-جاپا، ئاڭلىغىنىم تەنە – تاپا
- چەۋەندازلىق ئاتقا يۈگەن سېلىشتىن مەلۇم
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











