ماقال-تەمسىللەر (غ)

  • غازنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ قاغىنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ.
  • غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
  • غەم قىلغۇچە پەم قىل.
  • غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
  • غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن.
  • غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ.
  • غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىماپتۇ.
  • غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قاپتۇ.
  • غېرىبسىنساڭ ئوتسىن.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *