ماقال-تەمسىللەر (ئى)

  • ئىت كاللىسى تەخسىدە توختىماس.
  • ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قويرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
  • ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
  • ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
  • ئىتنىڭ ئىگىسى بولسا، بۆرىنىڭ خۇداسى بار.
  • ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.
  • ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى تىنماس.
  • ئىچى توشمىسا تېشىغا چىقماس.
  • ئىچى كۆيمىگەننىڭ كۆتى قىچىشماس.
  • ئىچىدە روزى تۇتۇپ، تېشىدا ھېيت ئويناپتۇ.
  • ئىززەت تاپاي دىسەڭ خىزمەت قىل.
  • ئىسراپچىلىق نەدە؟ پىشانىسى تەرلىمىگەن يەردە.
  • ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا.
  • ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى قوش.
  • ئىش ئىشتەينى ئاچىدۇ.
  • ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان.
  • ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس.
  • ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى.
  • ئىشىك كۆرگەننى ئالما، بۆشۈك كۆرگەننى ئال.
  • ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، سوراپ كىر.
  • ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
  • ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
  • ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس.
  • ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.
  • ئىلمەكنى ئىشارەت بىلەن رۇسلىغىلى بولماس.
  • ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
  • ئىنساپ قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
  • ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، يېمىدە.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *