- جاپا چەكمىگەن ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس.
- جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق.
- جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس.
- جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماس.
- جان بار يەردە قازا بار.
- جان باققان باتۇر.
- جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
- جان بىلەن كىرگەن خۇي، قان بىلەن چىقىدۇ.
- جان چىققاندىن كىيىن ياسىننىڭ نىمە كېرىكى؟
- جان چىقمىغۇچە خۇي چىقماس.
- جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
- جان كۈندە چېچەكلەمدۇ، قوغۇن كۈندە خەمەكلەمدۇ.
- جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس.
- جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى تۇت.
- جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق.
- جاھان ئۇششۇقنىڭ.
- جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
- جاھىل ئۆز بېشىنى يەر.
- جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس.
- جىدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى.
- جىق گەپ ئېشەككە يۈك.
- جىلە قىلساڭ مۈشۈكمۇ چىشلەيدۇ.
- جىم ئولتۇرساڭ مۆڭ دەيدۇ، ئىگىز ئولتۇرساڭ دۆڭ دەيدۇ.
- جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا.
- جىمغۇرنىڭ ھۆنىرى ئىچىدە.
- جىندىن قېچىپ ئالۋاستىغا ئۇچراپتۇ.
- جىننىڭ قەستى شاپتولدا.
- جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى.
- جەڭگە ئالدىرىما ئاتقاننى كۆرىسەن، سۇغا ئالدىرىما ئاققاننى كۆرىسەن.
- جەڭنىڭ بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











