- قاپىقى ئۇششۇق، پۇلىغا تۇشلۇق.
- قاتاردىن قالما، خاتادىن قال.
- قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەيدۇ.
- قاچىنىڭ تېگىدە قاچا بار، ساقتىن زېرەك گاچا بار.
- قارنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا.
- قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقار.
- قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا.
- قاشاڭ ئاتقا مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
- قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق.
- قاغا جىگدىنى يىمەڭ، مەيدەم ئاغرىدى دىمەڭ.
- قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس.
- قامچىغا كۈچىمەي، يەمگە كۈچە.
- قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.
- قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
- قورققان يەردە جىن بار.
- قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئۆلەر.
- قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ.
- قوشماق تەس، ئايرىماق ئاسان.
- قوڭۇمدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.
- قول قولنى يۇسا، قول كىلىپ يۈزنى يۇيار.
- قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ.
- قولى قىسقىنىڭ يول قىسقا.
- قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق.
- قومۇش ئۆيۈم، كۈمۈش ئۆيۈم.
- قويرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىپتۇ.
- قۇرساق توق، كۆڭۈل خوش.
- قۇرساق ئاغرىقىڭ بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما.
- قۇرساقنىڭ ئاچقىنى – ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
- قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ.
- قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپتۇ.
- قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.
- قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
- قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ ھەممە ئەزاسى تولۇق.
- قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز ئالدايدۇ.
- قۇۋلۇقتىن شۇملۇق تۇغۇلار.
- قېرى بىلگەننى پىرى بىلمەس.
- قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
- قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
- قېلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.
- قېلىنلىق يېرىم دۆلەت.
- قىچقارسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار.
- قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال.
- قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما.
- قىزىم، ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم، سەن ئاڭلا.
- قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتەر.
- قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
- قەدىرلىگىن ۋاقتىڭنى، ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.
- قەرزدارنىڭ تىلى قىسقا.
- قەيەرگە يىقىلىشىمنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قوياتتىم.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











