- ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم–تالقان بول.
- ساختا دوست ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
- سادىق دەپ ئىسىم قويسا، تۈلكە دەپ لەقەم ئالدى.
- ساراڭغا سوت يوق.
- ساراڭنى ساراڭ دەۋەرسە، كۈندە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولار.
- ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.
- ساقال دىگەن ئۆچكىدىمۇ بار.
- سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە.
- سودىڭىزدىن زېرىكمەڭ، خېرىدارغا تېرىكمەڭ.
- سورا – سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا – ئۇيىلا كىيىن قاپتۇ.
- سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس.
- سۆرەلمە پايدىدىن ئەپچىل زىيان ياخشى.
- سۆز قېلىپىدا ياخشى، قىلىچ غىلىپىدا ياخشى.
- سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم كۆيىدۇ.
- سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئاغزىڭدا چايناپ كۆر.
- سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل.
- سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ، كۆرگەن كۈنۈم نىمە بولار.
- سۇ بېشىدا قۇم ئاققۇزار، ئايىغىدا تاش ئاققۇزار.
- سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ.
- سۇدا پىىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز بولماس.
- سۇغا يېقىن سۇچى كېلەر، چۆلگە يېقىن نوچى كېلەر.
- سۇنايچىدىن يەل كېتىدۇ، ھارۋىچىدىن «تىرت، ۋو ۋو…».
- سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
- سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.
- سېمىزلىك ھايۋانغا يارىشار.
- سېنىڭ ماڭغان يولۇڭدىن، مېنىڭ ئۆتكەن كۆۋرۈكۈم كۆپ.
- سىر بەرگەنلىك، جان بەرگەنلىك.
- سىرلىساڭ سىرلىق ئاياق، سىرلىمىساڭ ئىتقا يالاق.
- سىنالمىغان دوستتىن يولدىكى تاش ياخشى.
- سىيگەك سۇغا ئامراق.
- سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر.
- سەركىسى بولمىغان پادا يولدىن ئازار.
- سەركە ھۇشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
- سەللىسى مۇسۇلمان ئۆزى كاپىر.
- سەللە دىگەن يۈك، ساقال دىگەن تۈك.
- سەن تاش سانىساڭ، باشقىلار قۇم سانايدۇ.
- سەھرانىڭ بېگى بولغىچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول.
- سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن.
- سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ.
- سەۋەب قىل، تەلەپ قىل.
- سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











