- تارتىنساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلۇر. ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر.
- تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس.
- تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ.
- تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ.
- توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال.
- توخۇنى ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمىنى يېگەنمۇ ئوغرى.
- توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە يولۋاستەك بىر يىل ياشىغان ئەلا.
- توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى يارار.
- تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەزگە چۈشەر.
- تويدىن يامانلىساڭ توي قىلىپ كۆر.
- تۆگەڭ نار بولسا، يۈكۈڭ يولدا قالماس.
- تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن، پادىشاھلىق ئەل بىلەن.
- تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
- تۈلكىنىڭ تېرىسى ئۆزىگە دۈشمەن.
- تېرىساڭ ئالىسەن، ئىزلىسەڭ تاپىسەن.
- تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار.
- تېرىغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر قېرىماس.
- تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قوشقاچمۇ قورۇمايمەن.
- تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
- تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭەر.
- تەلۋە تۆرنى بەرمەس.
- تەلەپ قىل، سەۋەب قىل.
- تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەڭ ئېتىپ كۆر.
- تەۋەككۈلچىنىڭ بىر ناخشىسى ئوشۇق.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











