ماقال-تەمسىللەر (ي)

  • يا سايرامدىن چىقار، يا قاينامدىن چىقار.
  • يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە يوق.
  • ياپسام تۇتارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ.
  • ياتار قورساق – كېتەر قورساق.
  • ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن ئۆتەر.
  • ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆزگىدىن كۆرىدۇ.
  • ياخشى دوست تاشلىماس، يامان يولغا باشلىماس.
  • ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى يارار.
  • ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز جاننى قېرىتىدۇ.
  • ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس.
  • ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس.
  • ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۈلۈم يوق.
  • ياخشىلىق تۆرگە باشلايدۇ، يامانلىق گۆرگە باشلايدۇ.
  • ياخشىلىق قىل، يامانلىق كۈت.
  • ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  • ياخشىنىڭ قەدرىنى يامان بىلمەس.
  • ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا.
  • ياسانچۇق توڭىمايدۇ، تىتىرەيدۇ.
  • ياش تۆككىچە مۇشت تۈگ.
  • ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
  • ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قېرىغاندا ئىشقا سال.
  • يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
  • يالغۇز يۈرۈپ يول تاپقۇچە چىشىڭ تۆكۈلەر.
  • يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
  • يالىڭاياق سۇدىن قورقماس.
  • ياماق ياماپ يارماق تاپ.
  • يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  • يامان كۈنلەر ياخشى بولار، يامان ئادەم ياخشى بولماس.
  • يامان ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
  • يامان ئۇرۇقتىن ياخشى مېۋە بولماس.
  • يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار.
  • يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
  • ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق.
  • ياماننىڭ سۈيىنى ئىچكۈچە، قاپىقىنى چېقىۋەت.
  • ياماننىڭ ئوتى يامان.
  • ياۋاش بولسا بوش دېمەڭ، يۇمشاق بولسا گۆش دېمەڭ.
  • ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
  • يوتقانغا بېقىپ پۇت ئۇزات.
  • يورغا مىنگەن يولدا قاپتۇ.
  • يوقسۇزلۇق تاشتىن قاتتىق.
  • يول ئازابى، گۆر ئازابى.
  • يولدىن چىقما، خاندىن قورقما.
  • يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  • يولى باشقا، مەنزىلى بىر.
  • يۇرت بولسا ئالۋان بولمىسا، تېنچ بولسا مالىمان بولمىسا.
  • يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.
  • يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.
  • يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
  • يۈزۈڭدە قارا بولسا ئەينەكتىن كۆرمە.
  • يۈزۈم قېلىن، كۆڭلۈم نازۇك.
  • يېپىقلىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن.
  • يېتىپ يېسە تاغ توشۇماس.
  • يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل.
  • يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
  • يېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا.
  • يىتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
  • يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر.
  • يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى.
  • يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
  • يىقىلغان چېلىشىشقا تويماپتۇ.
  • يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
  • يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *