يىللىق

①سۈپەت. بىر يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ئەھۋاللارغا ئائىت، كۆرسىتىلگەن يىلغا، شۇ يىلدىكى ئەھۋال-ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك: ئۇ چاغدا بىزلەردىن يىللىق ئىمتىھان ئېلىنىۋاتاتتى. *يىللىق خۇلاسىدە ھەربىر كىشىنىڭ خىزمىتىنى باھالاشتا مۇشۇ خاتىرە ئاساس قىلىنىدۇ.

②سۈپەت. مىقدار ۋە ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ «شۇنچە يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ شۇنچە يىل داۋام قىلىدىغان ياكى قىلغان؛ شۇنچە يىل بولغان» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ئاخىرى مېنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ۋاقتىم توشۇپ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. *مەن دەسلەپكى 19 يىللىق ھاياتىمنى ئاشۇ يەردە ئۆتكۈزدۈم. *سىز بىلمەيسىز، قاسىم دېگەن بىزنىڭ يېزىمىزنىڭ ئون نەچچە يىللىق سۇ كادىرى.

③ئىسىم <مائارىپ> مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن يىل چەكلىمىسى ئاساسىدا بۆلۈنگەن دەرىجە ئايرىمىسى: 92-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپى. 3-يىللىق 2-سىنىپ.

④ئىسىم. يىل بويى سەرپ قىلغان مېھنىتى، ئەمگىكى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ھەق، مائاش: ئېسىڭدە تۇت، بىز سەن بىلەن يىللىقىڭنى ئالتە پاقلاندىنلا كېلىشكەنمىز. *قوناق بىلەن يارچەنگە، بىر يىللىقىم كېتىدۇ. يەتتە يىللىق ئىش ھەققىم ماڭا پۈتۈن قايتىدۇ.

⑤سۈپەت. يىل مۇددىتى بىلەن توختاملاشقان، يىل بويى ئىشلەشكە ياللانغان: يىللىق ئىشچى. *سۇپتاي ئون نەچچە يىلدىن بېرى بۇ يەردە گاھ يىللىق، گاھ ئايلىق ئىشلەپ يۈرەتتى.

⑥ئىسىم. بىرەر تارىخىي ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ كۆرسىتىلگەن ياكى سۆزلەنگەن يىلغا توشقانلىق خاتىرە كۈنى ياكى خاتىرە يىلى: ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *