يىمىرىلمەك

①«يىمىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇ شاختىكى چېچەكلەرنى ئېلىپ بىر ئۇۋىلىغانىدى، ھېلىقى چېچەكلەر يىمىرىلىپ، كىچىككىنە بىر كاللەككە ئايلىنىپ قالدى. *ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى.

②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق: تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن-سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى. *يىگىتنىڭ ئۆزىگە مىختەك قادالغان ئوتلۇق كۆزلىرى ئالدىدا، قىزنىڭ جاسارىتى يىمىرىلدى. *ئەختەملەرنىڭ تويى يېزىلار ئېغىر ئىقتىسادى يىمىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنىدى.

③كۆچمە. بىرەر ئىجتىمائىي تۈزۈم، ھاكىمىيەت ياكى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان گۇرۇھ، شەخسلەر ۋەيران بولماق، يوقالماق، ئاغدۇرۇلماق، ئەسلىدىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولماق: فېئوداللىق چوڭ ئائىلە تۈزۈمى مۇقەررەر يىمىرىلدى. *ئۇ «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ يىمىرىلىدىغان كۈنۈڭلار ئەتىلا يېتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىدى.

④يەرگە مەھكەم چاپلاشماق، يەرگە مەھكەم ئورۇنلاشماق (ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە): ئۇ ئەمدى يىمىرىلىپ ئولتۇرۇپ، ھېكمەت بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىردىشىشقا ئۆتتى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *