يىمىرمەك

①پېئىل خېمىر قاتارلىقلارنى ئەيلەپ پىشۇرماق، قول بىلەن مۇجۇپ ئەيلىمەك، پىشۇرماق: خېمىرنى يىمىرمەك.

②قاتتىق نەرسىلەرنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار بىلەن سىقىپ، مۇجۇپ ئېزىپ ئۇۋىماق، ئېزىلگەن، مۇجۇلغان، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك: ئۇ دېڭىز ساھىلىدا ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن تاشنى يىمىرىپ ئۇۋاپ، يەنە بىر قولىنى قۇمغا پاتۇرۇپتۇ.

③قاش-كۆز، لەۋ قاتارلىق ئەزالارنى پۈرۈشتۈرمەك، پۈرمەك ياكى يېنىك تۈرمەك: -ھە، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟-دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ. *ئۇ قاپقارا، ئىنچىكە بۇرۇتىنى يىمىرىپ ئولتۇرۇپ، گەپ باشلىدى. *-ساڭا نېمىشقا تەڭ ئىدى، -دېدى مەشۇراخۇن كالپۇكىنى يىمىرىپ، -تۈگەپ كەتسە، تېپىپ بېرىدىغان ئادەم مەن ئەمەسمۇ؟

④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر گۇرۇھ، تەشكىلات، ھاكىمىيەتكە ئوخشاش جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىجتىمائىي كۈچنى ئاغدۇرماق، يوقاتماق، ياكى ئۇنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئەسلىدىكى كۈچ-قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم قىلماق، ئاجىزلاشتۇرماق، غۇلاتماق، ۋەيران قىلماق: قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ بارلىق ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى پارچىلاش ۋە يىمىرىپ تاشلاش كېرەك. *بىز ئاخىرى فېئودالىزم تۈزۈمىنى يىمىرىپ تاشلىدۇق. *تۈن-جاھالەتنى يىمىرگەچ ھۆر زامان، ئۆرلىدى ئەل، تۈزلىنىپ توسقۇن داۋان.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *