زاغرا نان – ناننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قوناق ئۇنىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدۇ، قۇرۇق بولۇپ، ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ، قىزىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سوۋۇغاندا خېمىرتۇرۇچ، ئۇششاق توغرالغان كاۋا ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەت قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن 140-200 سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ ئاق ئۇندا قۇرغۇنلاپ، ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا نان ياساپ، يۈزىگە پىچاق ياكى تۈكچە بىلەن چاپراس بەلگە ئۇرۇلىدۇ.
2. قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىپ جۆۋەندە نانغا ئوخشاش قىلىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. بۇ ناننى قەشقەر ۋە خوتەننىڭ كۆپىنچە يەرلىرىدە سۇ ۋە تۇز بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرنى بولدۇرمايمۇ ياقىدۇ.
ئاساسلىق ماتېرىيالى: قوناق ئۇنى بەش كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئاق ئۇن 500 گرام، ئاش كاۋىسى بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام.
زاغرا ناننىڭ پايدىلىرى:
زاغرا نان تەبىئىيتى جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ، زاغرا ناننىڭ ئاشقازان، ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەركىتىنى تىزلىتىش، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قاندىكى مايلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ھەرقايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش، قاندىكى ماينى ئىرىتىپ جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا زاغرا ناننى كۈندە مۇۋاپىق ئستىمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

