ئابدۇللا ئابدۇرېھىم – ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ھىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ، 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. 1987-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ- دە، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقى سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ناخشا ئورۇنداش جەﮬەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يىتىلدۈردى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991-يىلى 7-ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارىلغان «غېرىپ-سەنەم» ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. 1992-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىللارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئەرتىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ ئورۇنلىغان «سىرلىق تومان، ئۇچىراشقاندا، ۋاپادارىم، مۇئەللىم، كىچەلمەيمەن، ئايرىلىش، كۆزىڭنى ياشلىما، تۇنجى سۆيگۈ، سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئابدۇللانىڭ خەلىق ئىچىدىكى شۆﮬرىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى. 1994-يىلدىن ھازىرغىچە «سىرلىق تومان، سۈكۈتتىكى سادا، پەرۋانەڭ بۇلاي» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى، «شىرىن چۈش، تۇنجى سۆيگۈ» قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998-يىلى 4-ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 1998-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئادەم، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ، ئاممىباب ئۇسلۇبدا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1-دەرىجىلىك ناخشىچى بۇلۇپ باﮬالاندى. 1999- يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكىدە «ياشلىق كۈيى» دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 1999-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى دىرامما بايرىمى» دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلىقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ «شادىمان دوسلار، بۇ كىشىنى تونامسىز» قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى، «گۇناھسىز جىنايەتكار، كىيىنكى ئاتا» قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشتەك ئالاﮬىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۇچۇرىشىش، شىكەر شەنبە، پۇل، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ» قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناﮬايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناﮬايىتتى يۇقۇرى باﮬاسىغا ئېرىشتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بۇلۇپ، بىر قانچە يىلدىن بويان ناخشا ئېيتىش، دىرامما-ئېپىزوتلاردا رول ئېىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە مۇزىكا ئېجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش، ئاي گۇۋاﮬ، ئۇر توقماق، كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا» قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى. ئۆز-ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى، ئېغىر بېسىق مىجەز-خارەكتىرى ﮬەم سەمىمىيلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامىنەمۇ 1988-يىلى «بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988-يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 1991-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەمدە 1992-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بەخىتلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.
يەنىمۇ شان قۇچۇڭ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئاپتورى: تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم
خەلقىمىزنىڭ شۆھرەتلىك ھەم پەخىرلىك ئوغلى، ناخشا چولپىنىمىز، سۆيۈملۈك سەنئەتكارىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشىسنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقىلىمۇ مانا 20 يىلدىن ئاشتى. مەنمۇ خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشىسىنى ئىچى-ئىچىمدىن سۆيۈپ ئاڭلايمەن. مەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى كىشىلىك تۇرمۇشۇمنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەڭ نەمۇنىلىك ئۈلگە قىلىپ كەلدىم، ئۇنىڭ ناخشىلىرى يىللاردىن بېرى قەلبىمنىڭ مەنىۋى بوستانلىقىنى ئاجايىپ چوڭقۇر سۇغۇرۇپ ماڭا پۈتمەس-تۈگىمەس ھۇزۇر-ھالاۋەت ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.
ئابدۇللا ئاكامنىڭ ناخشىلىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، ئوتلۇق ئىشتىياقنى تىلغا ئالغىنىمدا، گەپنى 20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئارقا كۆرۈنۈشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ساۋاقدىشىم ھەم يېقىن دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈن-سىن دۇكىنى ئاچاتتى.ساۋاقدىشىم يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە تەتىل مەزگىللىرىدە ئۆيىدىكىلەرنى ‹‹سىلەر ئارام ئېلىڭلار، دۇكاننى مەن ئاچاي››، دەپ تولا چاغلاردا ئۆزى يالغۇز دۇكان ئاچاتتى. ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى ئۇنىڭ دۇكىنى بىلەن يېقىن بولغاچقا مەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا كۆپ باراتتىم.ئۇ ۋاقىتلاردا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈن-سىن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تۆۋەن ھالەتتە بولغاچقا ناخشىچىلار، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناخشىلىرى تارقالما لېنتا (نەشر قىلىنمىغان لېنتا) شەكلىدە جاي-جايلارغا ئۈن-سىن سودىگەرلىرى ئارقىلىق تارقىلىپ باراتتى.
دوستۇم مېنىڭ ناخشا خۇمارلىقىمنى ئوبدان بىلگەچكە ئەڭ يېڭى تارقالما لېنتىلارنى ماڭا بىرمۇ-بىر قويۇپ بېرەتتى.شۇنداق كۈنلەردە بىر ناخشا لېنتىسى مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى.مەن بۇ لېنتىنى دوستۇمغا دەرھال كۆپەيتكۈزۈپ، ئۆيدە كۈندە نەچچە رەت ئاڭلىدىم. ئۆيدىكىلەر، بولۇپمۇ ئانام بۇ ناخشىلارغا بەكمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى ھەم تېخى: ‹‹جېنىم ئوغلۇم بەك ياخشى ناخشىلارنى ئېلىپ كەپسەن، بۇ ناخشىلارنىڭ بەك مۇڭى بار ئىكەن›› دېگەنىدى. بۇ تارقالما لېنتىدىكى ناخشىلارنى دەل ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلىغان ناخشىلار ئىدى. شۇ ۋاقىتتىلا مەن بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ناخشىچىمىز، ئەلنى سۆيگەن، ئەل سۆيگەن چولپانىمىزنىڭ ئىسىم-فامىلىسنى ئەستە تۇتۇۋالغان ئىدىم.قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشىسى پۈتۈن كوچا-كويلارغا تارقالدى. مەن 1994-يىلى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىجىراسىدىكى «قارا تۇپراق» ناملىق تۇنجى قاپلىق ئۈن ئالغۇ لېنتىسىنى سېتىۋالغاندا بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم. چۈنكى لېنتا مۇقاۋىسىغا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ سۈرىتى ھەم قىسقىچە تەرجىمىھالى بېسىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىلا مەن ئۇ توغرىسىدا قىسقىچە تەپسىلاتقا ئىگە بولغانىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ «سىرلىق تۇمان»، «سۈكۈتتىكى سادا»، «پەرۋانەڭ بولاي»، «يىگىت ئىشقى»، «خىيالدىكى سۆيگۈ»، «شېرىن چۈش» قاتارلىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئارقا-ئارقىدىن نەشردىن چىقتى. مەن بۇ لېنتىلاردىنمۇ ئېلىپ، سائەت-سائەتلەپ، كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاڭلىدىم. ئاڭلىغانسېرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا چوڭقۇر مەپتۇن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تىرىشچان سەنئەتكارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. بىر قېتىم ئۈرۈمچىدە بۇرۇنقى «ئۈرۈمچى مىللىي بۇيۇملار سودا سارىيى»، يەنى ھازىرقى دۆڭكۆۋرۈك سودا بازىرىنىڭ ئەتراپىدا تاساددىپىي ھالدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئۇچرىتىپ قېلىپ قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ھەتتا كۈچلۇك ھاياجان ئىلكىدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بۇرۇنقى شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى دەرۋازىسىغىچە ئەگىشىپ كېلىپ ئۇنىڭ قارىسى يۈتكۈچە ھاياجان ئىچىدە قاراپ تۇرغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى يۇرتىمىزغا ئويۇن قويغىلى كەلگەندە، «ئويۇن بېلىتى تۈگەپ كەتمىسۇن» دېگەن ئەندىشىدە بىر كۈن بۇرۇن بېلەت ئېلىپ قويۇپ، ئانام بىلەن بىللە ئويۇننى كۆرگەن ئىدىم. مەن شۇ قېتىم ئۆزۈم ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ناخشىلىرىنى ھۇزۇر ئىچىدە ئاڭلايدىغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكامغا بولغان ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىمنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئالاھىدە ئورالغان بىر تال ئەتىرگۈلنى سېتىۋالغان ئىدىم. مەن سەھنىگە چىقىپ ئابدۇللا ئاكام بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن مىكروفوننى ئېلىپ ھاياجان ئىلكىدە: ‹‹ئابدۇللا ئاكا، سىز نۇرغۇن ئېسىل ناخشىلىرىڭىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە زور خۇشاللىق ئاتا قىلدىڭىز، سىزنىڭ بۇ مۇڭلۇق، ياڭراق ئاۋازىڭىز پۈتۈن دۇنيا ئاسمىنىدا ياڭرىغاي» دېگىنىمدە ئابدۇللا ئاكاممۇ ھاياجانلىق ئىلكىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەنىدى. تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلار ئۇزاققىچە چاۋاك چېلىپ بۇ كىچىك پېئىل، مىجەزى ئوچۇق، ئوت يۈرەك ناخشىچىغا كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى كۈچلۈك ھۆرمەت ھېسىياتىنى ئىپادىلگەن ئىدى.
تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى، ئۆزۈنىڭ قاتتىق تەلەپچانلىقى بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بۈگۈنكى كۈندە، سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرلۇق چولپانغا ئايلاندى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق غەربىي دىيارنىڭ ناخشا شاھى. ئەگەر غەربىي دىيارنىڭ ناخشا شاھى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مۇھەببەت ناخشىلىرى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقيەت قازىنىشغا ئاساس سالدى دېيىلسە، ئۇنداقتا جەزبىدارلىققا تولغان لەرزان ناخشىلىرى ئۇنىڭ شۆھرەت قازىنىشنىڭ نامايەندىسى بولدى.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشا مۇنبىرىدە ياڭرىغان يېقىملىق ئاۋازى يىللاردىن بۇيان، ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان مۇھەببەت لىرىكىلىرى، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ۋە گۈزەل كۈيلىرنى تېخىمۇ بېيتتى ھەمدە نۇرغۇن ناخشا مەستانىلىرنىڭ كۆز چانىقىنى ياشقا تولدۇردى. «دولان مەشرىپى» ناملىق ناخشا ئۇنىڭ كامالەتلىك ئەسىرى بولۇپ، مۇشۇ ناخشىدا كۈيلەنگىنى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ كېلىۋاتقان مۇقام مەدەنىيىتى ئىدى. دولان يۇرتىدا تۇغۇلغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەنە شۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ناخشىنى ئۆز جىسمىغا مۇجەسسەملىدى. يەنە شۇ ناخشا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمنىڭ ئالدىدىكى كېچىلىكتە، نەپىسلىكتە كامالەتكە يەتكەن دولان ئۇسسۇلىغا تەڭكەش بولۇپ، ئەشۇ چاڭگىسىمان تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئاسمىندا ياڭرىغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يەنە بىر قېتىم شۆھرەت قازاندى. غەربىي دىياردىكى ناخشا شاھى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۇ شىنجاڭدىكى تارقالما ناخشا-مۇزىكىنىڭ ۋەكىلى. سەنئەت ھاياتىدىكى 20 نەچچە يىلدا 10 نەچچە ناخشىلار توپلىمنى نەشر قىلدۇردى ھەمدە نەشر قىلىنغان توپلاملارنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى كوچا-كويلاردا ئېيتىلىپ كەلدى. خەلقىمىز ناخشىچىلقىدا ئون نەچچە يىللاردىن بېرى شۆھرەت قازىنىپ كېلىۋاتقان غەربىي دىياردىكى «ناخشا شاھى» ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز تىلىدا ناخشا ئېيتىپلا قالماستىن، خەنزۇ تىلىدا ناخشا ئېيتىش سەھنىسگە قەدەم قويۇپ يېقىنقى قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە خەنزۇ تىلىدا ئېيتىلغان ناخشىلار توپلىمدىن ئىككىنى نەشر قىلدۇردى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئاۋازى ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ناخشا مۇنبىردە كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىسنى تىترىتىپ يېقىملىق مۇڭلارغا تولغان لەرزان ئاۋاز مىللىتىمىزنىڭ قان–تۇمۇرلىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق يېقىملىق ئاۋازدا خەنزۇ تىلىدا ناخشا ئېيتىپ، خەنزۇ تىلىدىكى ناخشا مۇنبىرىدىكى ئۆزگىچە ئاۋاز بولۇپ قالدى.
شىنجاڭدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى بىلمەيدىغانلارنى يوق دېيەرلىك، دېسەك بولىدۇ. ھەممە ئادەم بىلىدىغان، ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئون نەچچە يىل بۇرۇن ناخشىچىلار قاتارىغا قەدەم ئېلىشى بىر تاساددىپىيلىقتىن بولغان ئىكەن. جىسمىدا دولانلىقلارنىڭ قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان، كىچىكىدىن باشلاپ دادىسغا ئەگىشىپ خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ كەلگەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭدا تارقالما ناخشا-مۇزىكا ئەمدىلا باشلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىزىقىش پەيدا بولۇپ تۇنجى ئەسىرى «سۈرمە» ناملىق ناخشىسنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى ئاساس قىلغان ئون نەچچە تارقالما ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى. ئۇ ئاددىيغىنە لېنتىغا ئېلىش مۇھىتىدىمۇ بۇ ناخشىلارنى ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئارقىلىق ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ئەل-ئاغىنىلىرنىڭ ئاڭلاپ بېقىشىغا بەرگەن. ئۇ بىر يىلدىن كېيىن ئۆزى ئىجاد قىلغان «سۈرمە» ناملىق ناخشىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەربىر كوچا-كويلىرىغا تارقىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ھېچقانداق بېزەشمۇ بولمىغان، تەشۋىقاتمۇ بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئارقىلىق ھەممىگە تونۇلدى. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشىلار توپلىمنى نەشر قىلدۇرغاندا «ئابدۇللا ئابدۇرېھىم» دېگەن بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان ئىسىم بولۇپ قالدى.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانلىرىنىڭ بىرى. بىز ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش بولۇپ، ناخشىلىرىدىن مۇڭلىنىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ بەخىتلىكمىز. مېنىڭچە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇگۈنكىدەك شۆھرەتكە ئىگە بولۇش يولىدا ئاققۇزغان ھالال تەرىنى قانچە تەرىپلىسەك ئەرزىيدۇ. بىزگە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشىلىرى خۇددى ھاياتلىق ئۈچۈن ساغلاملىق مۇھىم بولغاندەكلا ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئۆز خۇشاللىقىمىزنى ئۇنىڭ ناخشىلىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ناخشىلىرىدا ئاتا-ئانا، مۇھەببەت، قېرىنداشلىق، ۋاپا، ياشلىق، ئادىمىيلىك، ئەدەپ-ئەخلاق، ئۈمىدۋارلىق، گۈزەللىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۈيلەپ چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە لال قىلدى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خىزمەت، تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتە بەك خۇشچاقچاق ھەم كىچىك پېئىل. ئۇنىڭ بۇ ئېسىل مىجەزى ئۇنى خەلق ئارىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئابرويغا ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ يەنە بىر چوڭ ئارتۇقچىلىقلىردىن بىرى ـــ ئۇنىڭ سۆزلەش ماھارىتى يۇقىرى، بولۇپمۇ نەق مەيدان ئىنكاسى تېز، ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتى يۇقىرى سەنئەتكار. ئۇنىڭ مەيلى ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكلىرىدە بولسۇن، ياكى ئىنىلىرىدىن ئابلەت ئابلىكىم ۋە مۆمىنجان ئابلىكىملارنىڭ ناخشا كېچىلىكلىرىدە بولسۇن، ۋە ياكى باشقا چوڭ تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ يۈرۈكىدىن ئۇرغۇپ چىققان چوڭقۇر مەنالارغا باي سۆزلىرى زور كۆپ ساندىكى تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدۇ. شەخسەن مەنمۇ بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تېخىمۇ چوڭقۇر ئاپىرىن ئېيتىپ كېتىمەن.
مەنلا ئەمەس، خەلقىمىز شۇنداق خىتاب قىلىدۇ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سىز ئارىمىزدىن چىققان، تەسىر دائىرسى دۆلەت ھالقىغان، كەمدىن-كەم ئۇچىرايدىغان، قەلىب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالغان، تولىمۇ قىممەتلىك ھەم سۆيۈملۈك سەنئەتكارىمىز. ئەي كۈي شاھىمىز سىزنىڭ بىزگە يەنە ئېيتىپ بېرىدىغان تۈگىمەس ناخشىلىرىڭىز بار. بىز سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزغا خۇددى زەم-زەم كەبىي تەشنا.
كۈي شاھىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەزىز تېنىڭىز سالامەت بولغاي. خىزمەت، تۇرمۇش ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي. بىز سىزنى مەڭگۈ ئاسرايمىز ھەم سۈيىمىز. يۈرىكىم ھەر ۋاقىت شۇنداق خىتاپ قىلىدۇ، يەنىمۇ شان قۇچۇڭ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم.
ئەسەر ئاپتورى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم بايىنغۇلىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە











