تەۋسىيىلىك ئەسەرلەر

مۆمىنجان ئابلىكىم

Mominjan Ablikim - مۆمىنجان ئابلىكىم

مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى (ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن» تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئاللىقى ئىدى. سەبىي مۆمىنجان ئۆتمۈش ۋە بۈگۈگە شاھىد بولغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئاشۇ قەدىم توغراقلىقلاردا ئوينايتتى، چارچىغاندا توغراقلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتى. چۆچەكلەردىكى بەخت-سائادەت ئەلچىسى بولمىش ئاپئاق ساقاللىق خىزىر بوۋاي، گۈزەل بىر نازىنىننى كۈيلەپ راۋاب چېلىۋاتقان ئاشىق يىگىت، گۈل -چىچەكلەردىن بېزەك تاقىغان ئاق قاناتلىق پەرىزات قىز … قاتارلىق سېھىرلىك ئوبرازلار...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مەھمۇت سۇلايمان

Mahmut Sulayman - مەھمۇت سۇلايمان

مەھمۇت سۇلايمان 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن. سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ، ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلى «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. 1992-يىلى «سالام دوستلار»، 1993-يىلى «شۈكرى دېدىم»، 1995-يىلى «يۇلتۇزۇم» ناملىق ئىجادىي ناخشىلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى تارقاتقان. 1997-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇندىن باشلاپ، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ئازابلىق لەززەت»، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «قاراڭغۇ تاغ»، «سەھرادىكى مۇڭ كۈي» قاتارلىق كىنولارنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. 2005-يىلى، شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتكەن، 2006-يىلى «سېغىنمىدىڭمۇ» ناملىق MTV پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدە، 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ، كۆڭلىدىكى بارچە قايغۇ-ھەسرەت ۋە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەركىن ئابدۇللا

ئەركىن ئابدۇللا - Erkin Abdulla

ئەركىن ئابدۇللا ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان ياش سەنئەتكار، جۇڭگو مۇزىكانتلار بىرلەشمىسى مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمىيئىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو فىلامېنكو جەمىيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. ئۇنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبى كۆپ خىل مۇزىكا ئېلمنتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاۋازى ۋە كامالەتكە يەتكەن گىتتار ماھارىتىگە مىللىيچە ۋە زامانىۋى، ئەنئەنىۋى ۋە مودا ئۇسلۇبلار قوشۇلۇپ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى تەدىرجى ھالدا مىللەت ھالقىغان كۆپ خللاشقان مۇزىكا ئۇسلۇبى بولۇپ شەكىللەنگەن.

2002-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ نەشىردىن چىققان بىرىنچى پىلاستىنكىسى «قۇملۇقتىن چىققان دولان» ۋە «دولان» ناملىق ناخشىسى نەننىڭ خەلقئارالىق مىللىي سەنئەت بايرىمىدا ئايرىم– ئايرىم ھالدا «ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا مۇكاپاتى» ۋە «ئەڭ ياخشى خاسلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2003-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان پۈتۈن مەملىكەتلىك ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ناخشا مۇسابىقىسىدە ئاممىباپ ئۇسلۇپ بويىچە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

Abdulla Abdurehim - ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

  ئابدۇللا ئابدۇرېھىم – ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ھىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ، 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. 1987-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ- دە، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقى سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابلىكىم ئەمەت

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراف ۋە خەتتات ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى ۋە پەقەت تەبىئەتلا يارىتالايدىغان رەڭدارلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە رىۋايەتلىرىنى تەنتەنە قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ سېغىنىشى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ توغرا پەيتنى تۇتالىغان بۇ فوتو-سۈرەتلەردىكى ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەللىكى، فوتوگرافنىڭ كۈزىتىشچانلىقىدىكى خاسلىق، ئۆزگىچىلىك ھەمىشە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا- تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شۇڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋىيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985- يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى 11ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1952-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ئابدۇراخمان قاھار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى. پىشقەدەم ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇراخمان قاھار 2020-يىلى 12-دېكابىر كۈنى 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
ئابدۇراخمان قاھار ئەدەبىيات ساھەسىگە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە

ئۇيغۇر دوپپىلىرى

ئاپتورى: ھەسەنجان ئابلىز ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە ئاساسەن ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنىس ئايرىمىسى، ياش-قۇرام پەرقى، ياشىغان تەبىئىي شارائىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا مۇناسىپ ئۆزگىچە دوپپا كىيىش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دوپپىلىرى يالغۇز ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتېرىدىن ھالقىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر پۈتۈن مىللىي كىملىك خاس ۋەكىلى بولۇپ مۇقىملىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئومۇمىيلىقى، مەدىنيەت ئىزچىللىقى ۋە ئىجتىمائىي خاس بەلگىسى بولۇپ شەكىللەندى. ئۇيغۇر دوپپىلىرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۆۋەندىكى ئىككى خىل يۈزلىنىش ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ: بىرىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىكى تارىخىي ئىزچىللىق: ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرياللار ۋە يازما...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار»، «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732-يىلىدىكى شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە بىر مەلۇمات»، «ئاتالمىش ياش قەشقەرلىكلەر پارتىيەسى ۋە ئەندىجان...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى 1950-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن تارتىپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى 1992-يىلى بېسىلغان. كېيىن يەنە «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» (1998) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان، بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» (2006) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئەرەب تىلىدىن ئاساس» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى، «ئەرەبچە سۆزلىشىش»، «ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى»، «ئەرەب تىلى قائىدىلىرى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» دېگەن كىتابلىرى نەشر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ.

ئوقۇش ۋە خزمەت ھاياتى
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. رەسىم كۇرژۇكى، ئەدەبىيات...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

غەنىزات غەيۇرانى

ئۇيغۇر قامۇسى

غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.

غەنىزات غەيۇرانى 1949-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ئۇنىڭ «تارىم بويىدا»، «ھايات قوشىقى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «بولدى قىل» ناملىق فېليەتون ۋە ساتىرالار توپلىمى، «100 رۇبائىي» ناملىق رۇبائىيلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تىل تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك....

داۋامىنى ئوقۇڭ!