ئاغماق

1. پېئىل ①بىرەر تەرەپكە يېتىپ قىيا ھالەتكە كەلمەك، قىيسايماق: ھارۋىدىكى يۈك سول تەرەپكە ئېغىپ ھارۋا ئۆرۈلۈشكە باشلىغاندا، ھارۋىكەش ھارۋىنى دەرھال توختاتتى. ②توغرا يولدىن ياكى بەلگىلىك يۆنىلىشتىن چەتنىمەك، چەتكە چىقماق: ئايروپىلان ھاۋا يولى يۆنىلىشىدىن ئاغدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. غەلىتە، بىر قىسما بولماق: نېمە ئۈچۈندۇ ر يۈرىكىم بىردىنلا ئېغىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدىم.

2. ④بىرەر تەرەپكە يۆنەلمەك، قارىماق: ئاغدى كۆزى، كۆردى ئۇندىن تال-تال دورىنى، كۆردى ئوماق جىلۋە ئەيلەپ تۇرغان يارىنى. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىر تەرەپكە ئۆتمەك، يۆتكەلمەك، مايىل بولماق، يان باسماق: ھازىرقى زاماندا كىم ئەمەلدار بولسا كىشىلەر شۇنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئۇنىڭغا ئاغىدۇ.

Leave a Reply