ئاقسىماق

پېئىل ①بىر پۇتىنىڭ مېيىپلىكى ياكى ئاغرىغانلىقى سەۋەبلىك ئاقساپ، دىڭگوسلاپ ماڭماق: ئۇنىڭ سۇنغان پۇتى ساقىيىپ كەتمىگەن ۋە بىرئاز ئاقساپ ماڭىدىغان بولسىمۇ، قەتئىي تەلەپ قىلىپ، تەشمىدە ئىشلىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئارقىدا قالماق، كەينىگە سۈرۈلمەك، دەخلى يەتمەك: ئەر ئەمگەك كۈچلىرىدىن بىر قىسمى يېزىدىن شەھەرگە كىرىۋالغانلىقتىن، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى خېلى ئاقسىدى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *